مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئون يىل مابەينىدىكى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىش

2022.10.16 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغىنىغا ئون يىل بولدى. بۇ ئون يىل مابەينىدە، بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق: بىرىنچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق، ئىككىنچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۈچىنچىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي غەلىبە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تارىخىي غەلىبە، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تارىخىي غەلىبە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ