مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر زىچ قول تۇتۇشۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقاردى

چاڭجياڭ دېلتىسى بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

2022.08.25 00:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 2022-يىللىق چاڭجياڭ دېلتىسى G60 پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، نەق مەيداندا پۈتۈشۈش سوممىسى 327 مىليون يۈەن بولدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ جەمئىي پۈتۈشۈش سوممىسى 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى بىر يىلدىكى 1 مىليارد 23 مىليون يۈەندىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ تېز توپلىنىشى چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۇختا قەدىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  2020-يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىگەن ئىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلىشىش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  138 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىنى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى 41 شەھەردە ئۆلكە، شەھەر ھالقىپ ئورتاق بېجىرىشتىن، ھەمكارلىشىپ چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇشقىچە، يەنە چاڭجياڭ دېلتىسى ئېكولوگىيەلىك يېشىل بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى 38 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە مەملىكەت بويىچە باشقا شارائىتى بار نۇقتىلىق رايونلارغا كۆپەيتىپ كېڭەيتىشكىچە... شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلىشىش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ تۇتۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلگىرىلەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  پەن-تېخنىكىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا بايلىقىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېزلەتتى. شاڭخەيدىكى جاڭجياڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونىغا جايلاشقان چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلغان بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش»نى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش تۈگۈنى ۋە دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

  2021-يىلى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىن 137 تۈر دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشتى؛ 182 مىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە %26نى ئىگىلىدى؛ دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلىرىنىڭ سانى 104كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە %20نى ئىگىلىدى. چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ چىڭ مۇنداق دېدى: «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى بىر گەۋدىلەشكەن تەپەككۇر ۋە تەدبىر ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.»

  دۇنيا دەرىجىلىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىندى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيو تېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق چۆرىدەلگەن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئەۋزەل كەسىپلەر توپى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، دۇنيا قىممەت زەنجىرىدىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىنىڭ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %58.3نى ئىگىلەيدۇ، بىيو تېببىي دورىگەرلىك ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن 1/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇلتۇر، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيو تېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ زەنجىرى ئىتتىپاقىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىرى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى رايون ھالقىپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى مۇستەھكەملەش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ماشىنا ئادەم، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى تەتقىقاتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى پەللىسى بەرپا قىلىندى. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. بۇلتۇر 5-ئايدا، چاڭجياڭ دېلتىسى ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. 2021-يىلى شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ %46.2 ىنى ئىگىلىدى؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى جەمئىي 104 مىليارد 260 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ %48.9 ىنى ئىگىلىدى. خۇڭچياۋ خەلقئارا ئېچىۋېتىش تۈگۈنى چاڭجياڭ دېلتىسى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماس ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ %2 كىمۇ يەتمەيدىغان رايون كۆلىمىنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %10كە يېقىن تۆھپە قوشتى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچەپ يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ چوڭ تەخسىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %24.1 كە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %29.8 كە، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %36.1 كە يەتتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بىر گەۋدىلىشىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشۇپ، بىر گەۋدىلىشكەن تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقىش كېرەك».

  يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ