مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى

تارىخ سەھىپىسىگە دۇنيانى نۇرلاندۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتايلى (يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى. ئاجايىپ ئون يىل)

2022.08.23 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  «كىنىشكا ئېسىپ ئىشقا چىقىپ، تاماق قاچىمىزنى مەھكەم تۇتىمەن، ياخشى ئىشلىسەك كۈنلىرىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرى ۋەنچېڭ رايونى كۈييىڭ كەنتىدىكى زاۋۇتتا توكچى بولغان دېھقان ياڭ شېڭخۇڭ.

  جۇڭگو زېمىنىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ھەممە ئائىلىنىڭ تەقدىرى ئۆزگەردى، بىر-بىرلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تاغلىق يېزىلاردا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، قاينام-تاشقىنلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  2021- يىل 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىدا تەنتەنىلىك ھالدا «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى چۆرۈپ تاشلاندى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاماملاپ، تارىخ سەھىپىسىدە دۇنيانى نۇرلاندۇرىدىغان چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر مۆجىزىنى ياراتتۇق!» دەپ جاكارلىدى.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، داغدۇغىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  بۈگۈنكى جۇڭگوغا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى نامرات ناھىيەلەر، نامرات كەنتلەردىكى كەسىپلەر گۈللەندى، مۇھىت گۈزەللەشتى، ئاۋاتلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى باش شۇجى شى جىنپىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.دەپ كۆرسەتتى»

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم، زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخ سەھىپىسىدە دۇنياغا نۇر چاچىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلەر كەڭ جۇڭگو زېمىنىدا يېزىلدى.

  --«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  «تاغدىن چىقىپ يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇش، ئىشىك ئالدىدا ئىشلەپ بەخت ھېس قىلدۇق»، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرى خۇاشى رايونى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان نەنشىيۈەن مەھەللىسىگە كىرگەندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە جېڭ چۈەنچۈننىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى مەسنەۋى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېلىپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى نامايان قىلدى.

  دېھقانلار بىخەتەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ، پاكىزە سۇ ئىچىپ، مەكتەپتە ئوقۇپ، كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، 2021 ـ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ 500 يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.9 ئاشتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاپتىپى ھەممىلا يەرنى يورۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  --تاغلىق يېزىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، تاغ ـ دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يۈننەن ئۆلكىسى گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ-نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى دېھقان بەي جۇڭپىڭ ياۋا مېۋە، دۇلۇڭ گىلىمى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تاغدىن چىقاردى. ئىلگىرى، بىر مەيدان قېلىن قار تاغنى يېرىم يىل قاپساپ قوياتتى، ھازىر تونېل تۇتاشتۇرۇلدى، خەۋەرلىشىش سىگنالى ھەممە يەرنى تولۇق قاپلىدى، خۇددى «بىر قەدەمدە 1000 يىلدىن ھالقىغاندەك» ئىشلار بولدى!

  پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا ـ بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، پوچتا يولى تۇتاشتۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ھەربىر ناھىيەدە ئىككىدىن ئۈچكىچە يېتەكچى كەسىپ شەكىللەندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ھەممە يېرىدە، تاغلىق يېزىلاردا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان، تاغ ـ دەريالار رەڭدار، گۈزەل دەۋر كارتىنىسى نامايان بولدى.

  --نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

  ئەتىگەندىلا، جياڭشى ئۆلكىسى يۇڭشىن ناھىيەسى جۇڭسۈن كەنتىدىكى ئۈزۈم بازىسىدا، شى شياۋليۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ مېۋە ئۈزۈۋاتاتتى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، مەن تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى شى شياۋليۇ، ئۇ ئىلگىرى كەنتتىكى نامراتلاردىن بىرى ئىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش كادىرلىرى ئۇنى بازىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تونۇشتۇردى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان شى شياۋليۇ ھازىر كەسىپ باشلامچىسىغا ئايلاندى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئىچىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. كەڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ يارىتىلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش 1 ـ لىنىيەسىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىن قەلبنى ئىللىتىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ قول سېلىپ غەيرەت بىلەن ئىشلىدى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  جۇڭگوچە نامراتلىقنى ئازايتىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى

  سەككىز يىلدا 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئازايدى، بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى يارىتالايدۇ؟

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك مەنىۋى پەزىلىتىگە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان توپلانغان پۇختا ماددىي ئاساسقا تاياندۇق، داۋاملىق ئىشلەشتەك قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا تاياندۇق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تاياندۇق».

  -- پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم بىر ئىش»، «مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئامما»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەتتە قېتىم مەركەز نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 50 نەچچە قېتىم نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ چىقتى.

  يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 3 مىليوندىن ئارتۇق 1-شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىپ، 2 مىليونغا يېقىن يېزا-بازار كادىرى ۋە نەچچە مىليون كەنت كادىرى بىرلىكتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش 1-لىنىيەسىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەڭداشسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش 1-سېپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئايلاندى.

  —— سوتسىيالىزم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  «بەختكە يارىشا جياڭسۇ-شەنشى ھەمكارلىقى بولغاچقا، ئىشىك ئالدىدىلا سانائەت رايونى قۇرۇلۇپ، بىز يېڭى تاماق قاچىسىغا ئېرىشتۇق!»

  شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھىرى چۈنخۇا ناھىيەسى فۇيۈەن مەھەللىسى كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىدىكى ۋېي سەينى قوش سپورىلىق موگۇ ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر ئايدا 3000-4000 مىڭ يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، باغچىغا كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.»

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، پۈتۈن مەملىكەت بىر تۇتاش ھەرىكەت قىلدى. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى، نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش، «تۈمەن كارخانىلار كەنتلەرگە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

  —— نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى ئىلمىي يېتەكچىلىككە ئىگە قىلدى.

  خۇنەن ئۆلكىسى خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان جاي. كەنت شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، مياۋزۇ كەشتىچىلىكى، مىنېرال سۇچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى جىنتۇڭ: «ياخشى كۈنلەرنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئېلىپ كەلگەن، كەنتتە ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى» دېدى.

  شىبادۇڭ كەنتىنىڭ ياخشى كۈنلىرى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەش بىر تۈركۈم»نى يولغا قويۇپ، «نامراتلىق يىلتىزى»نى نىشانلاپ «دورا رېتسېپى» يېزىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بىر قاتار ئادەتتىن تاشقىرى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقتى. ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش داۋاملاشتۇرۇلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.»

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونلىرىدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى.

  —— كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقىي مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى.

  مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «نامراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسمىسى»نى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمى ئورناتتى، ھازىر %70 كە يېقىن كۆزىتىش-ئۆلچەش ئوبيېكتى قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى تۈگەتتى.

  كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن تارقىتىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز 41 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، 945 مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە ۋە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم مەبلىغىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى %55 تىن ئاشۇرۇپ، بىرلەشمە يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق دېھقانلارنى يېتەكلەيدىغان، دېھقانلارنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بەردى. جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەش كۆلىمى 32 مىليون 230 مىڭ ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %106.7 ى تاماملاندى.

  —— داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش كېرەك.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاراپ تېز يۈگۈرۈشكە، كىچىك قېرىنقۇلاقنى يەنە داۋاملىق زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ.» بۇلتۇر يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى كادىرلىرى نۆۋەت ئالماشتۇرغاندا، شەنشى ئۆلكىسى زوشۈي ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن جياۋېن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، جىنمى كەنتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىپ، سۇغىرىش سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئايرىش، ئوراش-قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كەنت بويىچە بۇ يىل قېرىنقۇلاق ئۆستۈرۈش بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون خالتىدىن كۆپرەك كۆپەيدى.

  2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 186 مىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، 563 مىڭ خىزمەت ئەترىتى ئەزاسىنىڭ ھەممىسى تاللاپ ئەۋەتىلىپ ئەمەلىيلەشتى، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان 160 ناھىيەسى بېكىتىلدى، مەركەز بېكىتكەن ئاساسلىق جىپسىلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە سىلىق ئۆتتى. كەڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كادىرلار، ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچ»ىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بېيىش ئىشىكىنى ئاچتى. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلدى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تۈزىتىلىپ ئۆستۈرۈلدى، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ ئاشتى، تەرەققىياتى تېخىمۇ جانلاندى. يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل كارتىنىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەڭ رايونلاردا ئاستا-ئاستا يېيىلىۋاتىدۇ.

  مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى ياراتقان مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان-شەرەپنى جەزمەن قولغا كەلتۈرىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ