مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى

ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە (يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش — ئادەتتىن تاشقىرى ئون يىل)

2022.08.15 20:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى 10 يىلدا چوڭ قەدەم تاشلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ياسىمىچىلىق — دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى»، «ياسىمىچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش لازىم»، «ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياسىمىچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ دەسمايىسى، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

  شەندۇڭ رۇڭچېڭدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى 4-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى — خۇانېڭ شىداۋۋەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى 1-نومۇرلۇق رېئاكتورى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ 4-ئەۋلاد تاۋارلاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان رېئاكتورىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شاڭخەيدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىككىنچى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى ۋەيگاۋچياۋ كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتىدە قۇرۇلۇشقا باشلىدى، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ياساش سەۋىيەسىدە يەنە بىر پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  .....

  تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. ئادەتتىن تاشقىرى ئون يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاچتۇق.

  ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى داۋاملىق ئۆستى

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۇاڭشى نەننەن ئاليۇمىن پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق پىروكاتلاش-ياساش مەركىزىدە، 2400 مىللىمېتىرلىق يەل تاپان شەكىللىك ئۇدا قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى رەسمىي ئوت ئالدۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ يەل تاپان شەكلىدە ئۇدا قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، سىرتقى يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت ئاچقۇچلۇق جابدۇقلىرىنىڭ بوشلۇقى تولدۇرۇلدى.

  بۇ ئون يىلدا، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئەمەلىي ئىقتىسادقا يىلتىز تارتىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى سىجىل ئاشتى.

  2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 20 تىرىليون 900 مىليارد يۈەندىن 37 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.3 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %2 ئەتراپىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.

  كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىك ئەۋزەللىكى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدە 31 چوڭ تۈر، 179 ئوتتۇرا تۈر ۋە 609 كىچىك تۈر بار بولۇپ، دۇنيادىكى كەسىپ تۈرلىرى ئەڭ تولۇق، كەسىپ سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل ياسىمىچىلىق كەسپى بولۇپ قالدى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە رىقابەت كۈچى سىجىل ئاشتى.

  مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئېلىمىزنىڭ تېخنىكا كۆجۈملەشكەن ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2012-يىلىدىكى 7 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن، 3 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 2021-يىلىدىكى 12 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن، 6 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ياسىمىچىلىق ئارىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 ئەتراپىدا بولدى.

  بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى 400 مىڭغا يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن %23.5 ئاشتى. جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2012-يىلىدىكى 21 تىرىليون 700 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 2021-يىلىدىكى 40 تىرىليون 240 مىليارد يۈەنگە يەتتى، 58 ياسىمىچىلىق كارخانىسى 2021-يىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 27سى كۆپەيدى.

  جۇڭگو ئىجادىيىتىگە قاراپ قەدەم تاشلاش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. 2021-يىلى، جۇڭگو كارخانىلىرى ئېرىشكەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار پاتېنتنىڭ دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يەتتى.

  ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە دۇنيا ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغانلىقى 10 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇڭگو ئىجادىيىتىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

  شوپۇرسىز ئېلېكتىرىك تىراكتورنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن، سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان ماشىنا ئادەمنى كىلىنىكىدا قوللىنىشقىچە، 8.8 مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ قېزىش يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان جابدۇقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساشتىن، مىليون كىلوۋاتلىق سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە... زور بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىغا قارايدىغان بولساق، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى 2012-يىلىدىكى %0.85 تىن كۆپىيىپ، 2021-يىلى %1.54كە يەتتى؛ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىجىللىقى %10.3 كە يەتتى.

  يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىغا قارايدىغان بولساق، بىز 23 دۆلەت ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە دۆلەت بىلەن يەرلىك بىرلىكتە قۇرغان ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى ئورۇنلاشتۇردۇق، 125 كەسىپ، تېخنىكا ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا مەدەت بەردۇق، ئورتاق تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلات سېتىش كىرىمىنىڭ كەسپىي كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %11.9تىن 2021-يىلىدىكى %22.4 كە يەتتى، چوڭ دۆلەت ئېغىر قوراللىرىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى: «جياۋلوڭ» دېڭىزغا چۆكتى، شۇاڭلوڭ قۇتۇپنى تەكشۈردى، C919 سىناق تەرىقىسىدە ئۇچتى، «چاڭئې» ئاينى تەكشۈردى...

  دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

  2016-يىلى يۈننەننىڭ تۇنجى فوتوۋولت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى خۇاپىڭ ناھىيەسىدە قۇرۇلغاندىن كېيىن، لۇڭجى يېشىل ئېنېرگىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈننەننىڭ لىجياڭ، باۋشەن، چۇشيۇڭ، چۈجىڭ قاتارلىق تۆت ئورنىدا كەسىپ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، شۇ جاينىڭ مول سۇ ئېلېكتىر بايلىقىدىن پايدىلىنىپ فوتوۋولت ياسىمىچىلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ «توشۇغۇچى»لىرى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

  «2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، لۇڭجى يېشىل ئېنېرگىيەسىنىڭ ھاسىلىي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %40.19كە يەتتى؛ سەككىز ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىغا ئېنېرگىيە باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى 2015-يىلىدىكىدىن %53.85 ئاشتى» دېدى، لۇڭجى يېشىل ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇڭ باۋشېن تونۇشتۇرۇپ. «بۇ ئون يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ئاقىل، يېشىل، مۇلازىمەت يۆنىلىشىگە قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى» دېدى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.

  دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. مۇھىم، زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئىقتىدارى كېڭەيتىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئالىي دەرىجىلىك رەقەملىك كونترول ئىستانوكى قاتارلىق ساھەلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ماشىنا ئادەم، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى.

  ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى. ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، 700دىن ئارتۇق رەقەملەشكەن سېخ، رەقەملەشكەن زاۋۇت قۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە 305 ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ۋە يېڭى ئەندىزىنى قوللىنىش بويىچە 420 تۈرنى يولغا قويۇپ، سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان 6000دىن ئارتۇق سودىگەرنى يېتىشتۈردى. 2021-يىلى، دۆلىتىمىزدىكى نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنىڭ رەقەملىك تىزگىنلىنىش نىسبىتى، رەقەملەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئايرىم -ئايرىم ھالدا %55.3 ۋە %74.7كە يەتتى.

  يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئون يىلدىن بۇيان، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېشىل لايىھەلەش زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزدە جەمئىي 20 مىڭ خىل يېشىل مەھسۇلات ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، 3000غا يېقىن يېشىل زاۋۇت قۇرۇلۇپ، جەمئىي 644 تۈرلۈك ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېشىل تەرەققىيات ساھە ئۆلچىمى بېكىتىلىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت بىرلىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى «12-بەش يىل»، «13-بەش يىل»دىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %28 ۋە %16 تۆۋەنلىتىلدى، 2021-يىلى يەنە %5.6 تۆۋەنلىتىلدى. ئون يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنايلى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى جەزمەن تېخىمۇ قالتىس جاۋاب بېرىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ