مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ماشىنىسازلىق سانائىتىدە تىجارەت كىرىمى 12 تىرىليون 950 مىليارد يۈەنگە يەتتى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نەزەر)

پۈتۈن بىر يىلدا مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار

2022.08.11 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى بىرلەشمىسى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ماشىنىسازلىق سانائىتى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ تىجارەت كىرىمى 12 تىرىليون 950 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.44 ئاشقان. 6-ئايدا ماشىنىسازلىق سانائىتى تىجارەت كىرىمىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى %14.73 كە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى سانائەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

  تاشقى سودا ئېكسپورتى مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 511 مىليارد 360 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.99 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 344 مىليارد 120 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.41 ئاشتى. ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتوموبىل ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.4 ئاشتى.

  بىر قىسىم كەسىپلەرنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ماشىنىسازلىق سانائىتىدە ئاپتوموبىل كەسپىدىن باشقا كەسىپلەرنىڭ تىجارەت كىرىمى 8 تىرىليون 840 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.29 ئېشىپ، ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.86 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 523 مىليارد 876 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.17 ئېشىپ، ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 9.97 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ماشىنىسازلىق سانائىتىدە پاكىز ئېنېرگىيە ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان چاڭلۇڭشەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، خاربىن ئېلېكتىر گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان خۇاڭگوۋ 4-نومۇرلۇق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، توك تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى لايىھەلەش، ياساش ۋە قۇراشتۇرۇش سۈپىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقى چېن بىن مۇنداق دېدى: يۈرۈشلۈك مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ پۈتۈن بىر يىلدا مۇقىم ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، سانائەت قوشۇلما قىممىتى، تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىل بېشىدىكى كۆزلىمە قىممەتكە يېتىدۇ، پايدا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىدۇ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ