مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى كۈچەيتىلىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى (تاپشۇرۇقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئون يىلدا)

2022.06.29 11:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىمى ئاساسىي قاتلامدا.

  2014-يىل 4-ئايدا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بىزدە كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنىدى. شۇ يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تىرىشىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، ئامما ۋە پارتىيە ئەزالىرى بارلىكى جايدا پارتىيە تەشكىلى، پارتىيە خىزمىتى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈردى… يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنىڭ زور بولۇشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى مىسلىسىز بولدى.

  ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتتى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۈچەيدى، كەنتتە يېڭىدىن 39 نەپەر پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىدارلىق ياشلار، ھازىر يۇرتداشلار تېخىمۇ ئىناق ئۆتىدۇ، تۇرمۇشى گۈزەل ھەم خاتىرجەم بولماقتا».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭدىكى مەسىلىدە ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك».

  «بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن چارە» 2016-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىر 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئائىلىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

  شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان بىر قاتار جانلىق ئەمەلىيەتنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەك ئىجىل-ئىناق ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  بۇ كەڭ تارقالغان بىر ھېكايە: بۇلتۇر 11-ئايدا، جياڭسۇلۇق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاۋ شۈلېي كورلىدا يۈك قاچىلاۋاتقاندا، سول كۆزى تاسادىپىي يارىلاندى. تونۇشقىنىغا ئەمدىلا 11 كۈن بولغان يېڭى دوستى مەنسۇر پەتتار بىلەن مەمەت نۇردۇن ئۆز خىراجىتى بىلەن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ 4700 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئۇنىڭ ماشىنىسىنى شۈجوۋدىكى يۇرتىغا ھەيدەپ كەلدى.ئورتاق قۇرۇش، بىللە ئىدارە قىلىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش پارتىيەنىڭ مۇھىم ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى.

  2020 ـ يىلى، مەركەزنىڭ 3 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، بىللە ئىدارە قىلىدىغان، تەڭ بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  «بىز مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹قەيسەرلىك› ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «مۇلايىملىق»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىمىز». قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى تاۋ يۇڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەزەرباغ ساقچىخانىسى ئورتاق قۇرۇش، بىللە ئىدارە قىلىش، تەڭ بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت «تور» بەرپا قىلىپ، كۈندىلىك مەھەللە ساقچى ئىشلىرى بىلەن مەھەللە خىزمىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈردى؛ زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، 5 خالىس ساقچى ئەترىتى قۇرۇلدى، تەۋەلىكتە ئامانلىق دېلولىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرمىدى.

  ئورتاق قۇرۇش، بىللە ئىدارە قىلىش، تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى + تورلاشتۇرۇش + ئۇچۇرلاشتۇرۇش» ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر رايونىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سىنىقى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇسۇل، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايدىغان ئامانلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. گۈزەل شىنجاڭ ھازىر ئىناق، مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ