مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يېڭى شەرق» شىركىتى كۆممىقوناقلىرىنىڭ بىر باشىقى 6 يۈەن بولدى،

«قىممەت» بولۇشنىڭ ئارقىسىدا دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپسۇن

2022.06.28 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «بىر باشىقى 6 يۈەنلىك يېڭى شەرق كۆممىقونىقىدىن دېھقانلار قانچىلىك پۇل تاپالايدۇ» دېگەن سوئال قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، نۇرغۇن تورداشلار يېڭى شەرق شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدىكى «بىر باش كۆممىقوناق 6 يۈەن» بولسا بەك قىممەت ئىكەن دەپ، توردا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندى. بۇنىڭغا قارىتا، داڭق چىقارغان يېڭى شەرق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇڭ يۈخۇي: «ئاشلىق ئەرزان بولسا دېھقانلارغا زىيان يېتىدۇ، ئەگەر بىر نەرسىدىن ئۈزۈل-كېسىل پايدا ئالغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا يېزىلاردا يەر تېرىيدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىدۇ، شۇڭا باھاسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ» دېدى.

  يېڭى شەرق شىركىتىنىڭ كۆممىقونىقىنىڭ بىر باشىقى 6 يۈەن، ئوخشاش تۈردىكى يېڭى كۆممىقۇناق مەھسۇلاتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، باھاسى ئەڭ يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭدىن يۇقىرىلىرىمۇ بار، بەزىلىرىنى 10 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، لېكىن تۆۋەن دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ياكى باشقا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە 6 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىمۇ ھەممىلا يەردە بار، پەقەت يېڭى شەرق شىركىتىنىڭ كۆممىقونىقىنى «سەل قىممەت» دېيىشكە بولىدۇ.

  پەقەت «سەل قىممەت» بولسا، نېمە ئۈچۈن بەلگىلىك گۇمان پەيدا قىلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى «كۆممىقوناق قىممەت سېتىلسا، دېھقانلار كۆپرەك پۇل تاپالامدۇ» دېگەن مەسىلە. بەزى تورداشلار دەل جايىدا قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بازار ئەھۋالى قانچىلىك بولسا، دېھقان شۇنچىلىك ئالىدۇ، ئۆرلىگەن باھانىڭ دېھقانلارنىڭ قولىغا تېگىشى تەس، پايدىنىڭ ھەممىسىنى ۋاسىتىچى سودىگەر تاپىدۇ.

  يېڭى شەرق شىركىتى سېتىۋاتقان بۇ كۆممىقوناق چىقىدىغان جاي جىلىننىڭ گوڭجۇلىڭ شەھىرىدە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ قانچىلىك پۇل تاپالايدىغانلىقىغا قارىتا، يېڭى شەرق شىركىتى ئاشكارا بىر نەرسە دېمىدى. جىلىندىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىر خادىمدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شۇ جايدىكى ئوتتۇراھال سۈپەتتىكى ھۆل كۆممىقوناقنىڭ بىر باشىقى 0.35 يۈەن بولغان، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغان ھۆل كۆممىقوناقنىڭ بىر باشىقى 0.85 يۈەن بولغان. بۇ يىل ھەر توننىسىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى تەخمىنەن 1200 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە بولىدۇ. بۇ، نۆۋەتتە بىر باش يېڭى كۆممىقوناقنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ئاران نەچچە مو ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شۇڭا كۆپچىلىك يېڭى شەرق شىركىتىنىڭ كۆممىقونىقىنىڭ قىممەت سېتىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى، دېگەندىن كۆرە، دېھقانلارنىڭ نامىدا تېخىمۇ كۆپ باھا پەرقى تېپىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، دېگەن تۈزۈك. بۇنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار: قانداق قىلغاندا دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقۇزغىلى بولىدۇ؟ كەسىپ زەنجىرىدىكى پايدىدىن تېخىمۇ كۆپ تەڭ بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ؟

  ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئەندىزىسىدە، دېھقانلارنىڭ ئورنى ئاجىز بولغاچقا، تەقسىملەنگەن پايدا كۆپ ھاللاردا ئەڭ ئاز بولىدۇ. ئەگەر يېڭى شەرق شىركىتى راستتىنلا دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقۇزالايدىغان بولسا، بۇنىڭدىن بىز خوشال بولىمىز. لېكىن، يەنىلا ۋاسىتىچى سودىگەرلەرنىڭ كۆپ قىسىم پايدىنى ئېلىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ پايدىسىنىڭ ھېچقانچە كۆپەيمەسلىكىدىن پەخەس بولۇشىمىز لازىم.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جوۋ جېنيا مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى دېھقانلارغا، يېزا ئىگىلىكىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش دېيىشكە بولىدۇ، كۆپچىلىك يېزا ئىگىلىك ماركىسىنىڭ قىممىتىنى كۆردى. ئۇزۇندىن بۇيان دېھقانلار نېمە تېرىسا شۇنى ساتاتتى، ھازىر قانداق سېتىش لوگىكىسىغا تەڭشەلدى. مەھسۇلاتنى ئېھتىياجغا قاراپ بېكىتىپ، دېھقانلار بازارغا ئەگىشىپ مېڭىپ، پەرقلىق يولدا مېڭىپ، داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولغاندىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، بولمىسا كەسكىن رىقابەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ