مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈمىد نۇرى بىلەن ئىنسانىيەتنى يورۇتايلى

____ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى سىن يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقى توغرىسىدا

2022.01.20 21:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو مەدەنىيىتىدە، يولۋاس باتۇرلۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۋولى، جۇڭگولۇقلار دائىم يولۋاستەك جانلىق، ئەجدىھادەك تېتىك بولغاي، دېيىشىدۇ.» 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2022-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى سىن يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى گۈزەل دۇنيانى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «نۆۋەتتە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن كەسكىن خىرىس ئالدىدا، بىز يولۋاسقا قانات چىققاندەك تىرىشىپ، يولۋاستەك ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈمىد نۇرى بىلەن ئىنسانىيەتنى يورۇتۇشىمىز كېرەك!»

  بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇھىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى، تەرەققىيات ھاڭىنى تۈزەشنىڭ رېئال يولىنى، دۆلەتلەرئارا توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم بىلەن ئېلىشىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇردى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدىكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتقى بولۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى گۈزەل دۇنيانىڭ كىشىلىك توغرا يولىنى قانداق ئېچىشنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بۇ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا جەزمەن ئىجابىي ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىش بىر مەزگىل، بىر دۆلەت، بىر رايون بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى چوڭقۇر ھەم ھەيۋەتلىك دەۋر ئۆزگىرىشىدۇر. دەۋر ئۆزگىرىشى بىلەن ئەسىرلىك يۇقۇم ئۆزئارا گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىپ كەتتى، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ھەرقايسى تەرەپلەر يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا ئورتاق ئۈمىد باغلىدى، لېكىن يەنە نۇرغۇن يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يۇقۇم ئۈستىدىن قانداق غەلىبە قىلىش كېرەك؟ يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيانى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور مەسىلە، شۇنداقلا بىز جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تەخىرسىز زور مەسىلە.»

  «ۋەزىيەتنى كۆزىتەلىگەنلەر دانادۇر، ۋەزىيەتكە باققانلار ئاقىلدۇر.» گەرچە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى يېڭى ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ سەمىمىي بولدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان ساداسى تېخىمۇ كۈچەيدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر 190 دىن ئارتۇق كىچىك كېمىدە ئەمەس، بەلكى تەقدىرداش چوڭ كېمىدە ئولتۇرىدۇ. كىچىك قولۋاقلار بوران-چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، پەقەت چوڭ پاراخوتلا كۈچلۈك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دەۋر ئېقىمى. چوڭ دەريا دېڭىزغا قاراپ ئۆركەشلىسە، ھامان تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن ھەرقانداق تەتۈر ئېقىم چوڭ دەريانىڭ شەرققە قاراپ ئېقىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، قارشىلىق كۈچى ئۇنىڭ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. گەرچە نۇرغۇن تەتۈر ئېقىم، خەتەرلىك ساھىللار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى، ئۆزگەرمەيدۇ. تارىخ شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، قارشىلىشىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك قىلغانلارنى ھېچكىم قوغدىيالمايدۇ، ئاخىرىدا باشقىلارغا، ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. زومىگەرلىك قىلىش تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق. بىز تارىخنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئىشەنچ، جاسارەت، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىپ، تارىخىي تاللاش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  بۇ يۇقۇم ئۈستىدىن قانداق غەلىبە قىلىش كېرەك؟ يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيانى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ بۇ دەۋرنىڭ سوئالىغا رەئىس شى جىنپىڭ تارىخ ۋە پەلسەپە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ جۇڭگونىڭ جاۋابىنى بەردى. «جاھاننىڭ ۋەزىيىتى ياخشى بولمىسا خارابلىشىدۇ، جاھاننى ئىدارە قىلىش ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدۇ.» دۇنيا ھامان زىددىيەت ھەرىكىتى داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ، زىددىيەت بولمىسا دۇنيا بولمايدۇ. «تارىخقا نەزەر سالساق ئىنسانلار ئارقا-ئارقىدىن سىناقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، قايتا-قايتا كىرىزىسنى يېڭىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدى.» رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.» مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، ئىنسانلار ھامان ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، تام سالماي، بەلكى تاملارنى چېقىۋېتىش، ئايرىۋەتمەي ئېچىۋېتىش، ئۆزىنى ئايرىۋەتمەي يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىدىيە قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. خەلقئارا تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۆزلىشىش، قارشىلاشماسلىق، كەڭ قورساق بولۇش، چەتكە قاقماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق شەكىلدىكى بىر تەرەپلىمىلىككە، قورۇقچىلىققا، بارلىق شەكىلدىكى زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇش كېرەك.

  دۇنيا ئېقىمى ھەيۋەتلىك، بويسۇنغانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ. دۇنيا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج. باشتىن-ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەرەققىياتى تەرەپتە تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئالغا بېسىپ، خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش داۋامىدا شانلىق مەنزىلگە قاراپ مېڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتالايمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ