خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تونگادىكى يانار تاغ پارتلاش پەيدا قىلغان ئېغىر ئاپەت مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تونگا پادىشاھى تۇپۇ ئالتىنچىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تونگادا يانار تاغ پارتلاپ، دېڭىز تاشقىنى قاتارلىق ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلىقىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن تونگا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو بىلەن تونگا ئۆزئارا قوللايدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو تونگانى چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، تونگا خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تونگانىڭ باش ۋەزىرى سوۋالېنىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ