شى جىنپىڭ 2022 ـ يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى

تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

2022.01.19 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2022 ـ يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى سىنلىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى بېيجىڭدا 2022 ـ يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە يولۋاس يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىدۇ. جۇڭگو مەدەنىيىتىدە، يولۋاس باتۇرلۇق ۋە كۈچنىڭ سىمۋولى، جۇڭگولۇقلار دائىم يولۋاسنى تېتىك، جۇشقۇن دېيىشىدۇ. ھازىر ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن خىرىس ئالدىدا، بىز يولۋاستەك ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جەسۇر قىياپەتنى نامايان قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت تۇماننى پۈتۈن كۈچ بىلەن تازىلاپ تۈگىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنى ئۈمىد نۇرىغا چۆمدۈرۈشىمىز كېرەك!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىر مەزگىل، بىر ئىش، بىر دۆلەت، بىر رايون بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان بەلكى چوڭقۇر ھەم كەڭ بولغان دەۋر ئۆزگىرىشىدۇر. دەۋر ئۆزگىرىشى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. قانداق قىلغاندا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيانى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلە، شۇنداقلا بىز جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تەخىرسىز مۇھىم، زور تېما.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەت ۋەزىيىتىدە گۈللىنىش بولمىسا خارابلىشىدۇ، دۆلەت ئىدارە قىلىشتا ئىلگىرىلەش بولمىسا چېكىنىدۇ.» دۇنيا دائىم زىددىيەت ھەرىكىتى داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ، زىددىيەت بولمىسا دۇنيامۇ بولمايدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، ئىنسانىيەت دەل ھەر قېتىملىق سىناقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ھەر قېتىملىق كىرىزىسنى يېڭىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان. بىز تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. ئۇزاق تارىخىي دەۋرىيلىكنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش داۋامىدا پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ھەم ئىنچىكە، نازۇك نۇقتىلاردىن شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يەر شارىۋى كىرىزىسنىڭ دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇنلىرىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر 190دىن ئارتۇق كىچىك كېمىگە ئولتۇرغان بولماستىن، بەلكى تەقدىرداش بولغان بىر چوڭ كېمىگە ئولتۇردى. كىچىك كېمە بوران ـ چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، غايەت زور پاراخوتلا دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇنغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى بىردىنبىر توغرا يول. ھەرقانداق بىر ـ بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇش، ھەرقانداق ئاساسسىز «مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش»نىڭ ھەممىسى جەڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش بولۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە دەخلى يەتكۈزىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆپ خىل مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ ۋاكسىنىدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلقئارادىكى «ئىممۇنىتېت ھېڭى»نى تۈگىتىپ، ھاياتىي ساغلاملىقنى ياخشى قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  ئىككىنچى، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەرلەرنى تۈگىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادى پەسكوي ھالەتتىن قۇتۇلۇۋاتىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن چەكلەيدىغان ئامىللارغا دۇچ كەلدى. بىز يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش شارائىتىدا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، جەمئىيەت تۇرمۇشى يېڭى ئەندىزىسى، خادىملار ئالاقىسى يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش مۇساپىسىنىڭ مۇقىم بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، تامنى چېقىۋېتىش ئەمما تام سالماسلىق، ئېچىۋېتىش ئەمما ئايرىۋەتمەسلىك، يۇغۇرۇلۇش ئەمما ئالاقىنى ئۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىستىن قۇتۇلۇپ، قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل سىياسىتى نىشانى، سالمىقى، رىتىمىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىپ، سىياسەتنىڭ تاشما ئېففېكتىنى ياخشى كونترول قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سىياسەت جەھەتتىن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، تەرەققىيات ھاڭىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش كېرەك. يەر شارىۋى تەرەققىيات مۇساپىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىدى، بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يۇقۇم سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتتى، يۇقۇم سەۋەبىدىن قالايمىقانچىلىق پەيدا بولدى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ نۇرغۇن كىشى تۇرمۇشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەر شارىۋى ماكرولۇق سىياسەتتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر بار بولغان تەرەققىيات ـ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ماس ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، يەر شارىۋى تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئورتاق ئەمما پەرق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات رامكىسى ئىچىدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 26 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بۇلغىما ئازايتىش مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەبلەغ، تېخنىكا مەدىتى ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن ئاممىۋىي مەھسۇلات. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تەشەببۇسنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايدۇ.

  تۆتىنچى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تىنچ بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس، ئۆچمەنلىك قىلىش، بىر تەرەپلىمە قاراشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان سۆزلەر ئۈزۈلمىدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك قورشاپ توسۇش، بېسىش، ھەتتا قارشىلىشىشنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىگە زىيىنى باركى، قىلچە پايدىسى يوق. تارىخ شۇنى قايتا ـ قايتا ئىسپاتلىدىكى، قارشىلىشىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولماستىن، بەلكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك قىلغانلارنى ھېچكىم قوغدىيالمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. زوراۋانلىق قىلىش، زومىگەرلىك قىلىش تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق. دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول. ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى كېرەك. بىز تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقئارا تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. سۆزلىشىش ئەمما قارشىلاشماسلىق، كەڭ قورساق بولۇش ئەمما باشقىلارنى چەتكە قاقماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق شەكىلدىكى يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز، بارلىق شەكىلدىكى زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەت جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ھازىر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

  − جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8 ئەتراپىدا ئېشىپ، بىرقەدەر يۇقىرى ئېشىش ھالىتى ۋە بىرقەدەر تۆۋەن پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت قوش نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. گەرچە دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىپ بېرىشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگىرىپ كەتكىنى يوق، بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن بولغان ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  − جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ، مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يېتەكلەيدۇ. جۇڭگو بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بارلىق كارخانىلارنىڭ قانۇن ئالدىدا ئورنىنىڭ باراۋەر بولۇشى، بازار ئالدىدا پۇرسىتىنىڭ باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو ھەر خىل كاپىتالنىڭ جۇڭگودا قانۇنلۇق، بەلگىلىمە بويىچە تىجارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، قائىدە، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا قارىتا دۆلەت پۇقراسىدەك مۇئامىلىدە بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  − جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا بايلىق بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ، يىراق كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشمۇ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ مەقسەتكە يېتىش ئەمەس. جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشىلايدۇ. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. جۇڭگو ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، لەۋزىدە تۇرۇپ، بۇنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدۇ. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىر قېتىملىق جەڭ بىلەنلا ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو قالدۇرۇش بىلەن تۇرغۇزۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، پۇختا، قەدەم ـ باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشەنچلىك ئورۇن ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئازايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ