مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2022.01.19 11:20 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 1–ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلىتىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى خەۋپ–خەتەر، خىرىسلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل- پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن بىر يىلدا بىرلىك سەپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلىك سەپنىڭ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى ئىكەنلىكى، يېڭى مۇساپىدە بىرلىك سەپ رولىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم، بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى ئىزدەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش كېرەك. «تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ»، «تۆھپە قوشۇشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ» دەيدىغان توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئىرادە ۋە كۈندە تۆھپە قوشىدىغان جاسارەت بىلەن ئاساس سېلىش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش، ئاساسنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. «ئىتتىپاقلىق - تەنقىد – ئىتتىپاقلىق» ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىددىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، دېموكراتىيە ئۇسۇلى، مۇزاكىرە ئۇسۇلى، قايىل قىلىش- تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باش بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپنى ھەم قەدەمنى بىردەك ئالىدىغان، ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئالدىنئالا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20–قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى پۈتۈن يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئېتىزىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق بىرلىك سەپ كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ