خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر. 2021-يىلى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەۋپ-خەتەر، خىرىس يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇللۇق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ يېقىلغۇ گاز، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەركەزلىك تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش-تىرانسپورت، كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش، سۇ تىرانسپورتى ۋە بېلىقچىلىق كېمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك!
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ كۈچلۈك ئالدىنى ئالدى، پۈتۈن يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەت ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «مەردانە بولۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش» خىزمەت تەلىپى بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەرلىك مۇھىتى يارىتىش كېرەك. «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» سۈپىتىدە چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ «پارتكوم، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش»تىن ئىبارەت رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ «ئۈچ جەزمەن» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھە، ساھەلەردە ياخشى تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈملەشكەن نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
«ئىككىنى مەركەزلىك تۈزەش»نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ زور خەتەرلىك مەنبەسىنى دائىملاشقان بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر-بازارلارنىڭ يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىش لازىم. قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەخسۇس قوشۇنلارنى ياخشى قۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، كۈچلۈك ئادەم باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ھەقىقىي باشقۇرۇش كېرەك. بىخەتەرلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ