مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2022.01.20 21:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەن جېڭ قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپىنى ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى مەسئۇل ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پائال پىلانلاپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش كېرەك. مۇقىم، ساغلام ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىجارىكەشلىك ۋە چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى مەنبەدىن ئۈزلۈكسىز تازىلاش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى چوڭ، ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ساھەلەرنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قەتئىي جازالاش كېرەك.

  تۆتىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ھۆرمەتلەپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، يالغاندىن قىلىپ كۆرسىتىش، ئابرۇي قۇرۇلۇشى قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىش، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھەشەمەتلىك ئىمارەت، نەتىجە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىشقا بولمايدۇ، قارىغۇلارچە تۈر تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق، باج ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.

  يىغىندا بۇ يىللىق گوۋۇيۈەننىڭ پاكلىق خىزمىتى يىغىنىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

  خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ