■ پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى سىياسىي قانۇن سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇش، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۇن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى، سىياسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىستىلنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ