مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى تۇڭ داۋچىنىڭ پارا ئېلىش، يوشۇرۇن سودىلىشىش دېلوسىغا 1-سوتتا سوت ئېچىلدى

2022.01.14 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەينەن ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى تۇڭ داۋچىنىڭ پارا ئېلىش، يەڭ سودىسى قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى.

  شېنجېن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2004-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار تۇڭ داۋچى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تارقىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاپىتال بازىرى ئىسلاھات تەرەققىيات خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، ج ك پ خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، باشقىلار ئۈچۈن شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش، كارخانا تىجارىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇلى، ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، باشقىلارنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 274 مىليون يۈەن مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، تۇڭ داۋچى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى تارقىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، يەنە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقاندا ئېرىشكەن پاي چېكى ئىچكى ئۇچۇرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئۇقتۇرغان، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئىچكى ئۇچۇرغا سەزگۈر مەزگىلدە ئالاقىدار پاي چېكى سودىسى قىلغان، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى، يوشۇرۇن سودىلىشىش جىنايىتى بىلەن تۇڭ داۋچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپى بەردى.

  سوتتا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار تۇڭ داۋچى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، تۇڭ داۋچى ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوتتا قاراپ چىقىشنىڭ ئاخىرىدا، سوت كوللېگىيەسى سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ