مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.01.11 09:41 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى، جۇڭگو فاڭجېڭ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيە مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىش پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس − ھوقۇقنى نازارەت قىلىشتۇر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى. پارتىيە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلغان، تۈرلۈك نازارەتچىلىك تۇتاشتۇرۇلغان، ماسلاشتۇرۇلغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتەك بىر يۈرۈش تۈزۈم، قائىدە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىنى تېپىپ چىقتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، خەلق ھوقۇقنى نازارەت قىلىش، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشتە، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلققە بەخت يارىتىشقا ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 371 بۆلەك بايان بار، بۇ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، يوليورۇقى قاتارلىق 130 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ