مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مالتا زۇڭتۇڭى ۋېللا بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.01.12 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مالتا زۇڭتۇڭى ۋېللا بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالتا ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قەدىناس دوستلار، ياخشى دوستلار. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو - مالتا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. 50 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - مالتا مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلار ئالدىدا، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر - بىرىنى قوللىدى. جۇڭگو - مالتا مۇناسىۋىتى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مالتا پات ئارىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مالتا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - مالتا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ ۋە قوللاپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، داۋالاش - سەھىيە، پاكىز ئېنېرگىيە، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - مالتا دوستلۇقىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. مالتا ئىزچىل جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاكتىپ كۈچ بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ مالتا تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر ئايدا، جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدا، بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مالتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋېللا مۇنداق بىلدۈردى: مالتا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە رەئىس ئەپەندى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن سىزنىڭ مالتا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھايىڭىز ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان پىكرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن. مالتا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تۈرلۈك خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى، دېيىشكە بولىدۇ. مالتا تەرەپ قەتئىي تۈردە مالتا - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مالتا تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. مالتا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى 50 يىلدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مالتا تەرەپ قەتئىي تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللايدۇ. مالتا تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. مالتا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ