خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:
1. جاڭ يىڭخۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
يەن ۋېنبىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
2. گۇي سۇڭيوۋنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
سۈي ئەيمىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
3. ۋۇ شى (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك، قوشۇمچە كۇك تاقىم ئاراللىرىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك، نيۇئېدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ۋاڭ شياۋلۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە، قوشۇمچە كۇك تاقىم ئاراللىرىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە، نيۇئېدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى