مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.01.12 09:26 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن سىز بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق سىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 30 يىلدا 50 ھەسسە ئاشتى، جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ مېۋە بەردى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىجادىي، يېشىل، رەقەملىك تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى نامايان قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ داۋاملىق زىچ ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاشقى كۈچلەرنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى توغرا دېموكراتىيە قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لۇكاشېنكو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: بېلارۇسىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىگە سەمىمىي، دوستانە مۇھەببەت باغلىغان، جۇڭگو تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر بېلارۇسىيە تەرەپنى سىياسىي ۋە ئەخلاق، ھەققانىيلىق جەھەتتىن قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ھازىرقى خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېلارۇسىيە تەرەپ بۇ يىل بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بېلارۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بېلارۇسىيە - جۇڭگو سانائەت باغچىسىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ھەمكارلىقى ھەم سودىغا مەبلەغ سېلىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېلارۇسىيە باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ