مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى» ۋە مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ دورا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ تېببىي دورا يۈكىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش قارار قىلىندى

2022.01.11 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1- ئاينىڭ 10- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى» ۋە مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ دورا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنىڭ تېببىي دورا يۈكىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»دا بېكىتىلگەن مۇھىم نۇقتىلارغا توغرىلىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان سىياسەت ۋە كونكرېت تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر 44 مەخسۇس تۈر يىرىك پىلان ئاساسىي جەھەتتىن تۈزۈلۈپ، كەينى -كەينىدىن بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، «14-بەش يىل»لىق مەخسۇس يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى داۋان ئاشىدىغان ھالقىلىق ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش»نى يولغا قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرقى ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى قاراتمىلىق ھالدا كېڭەيتىش كېرەك. بۇ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، 1-پەسىل ۋە ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ سىلىق ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچىدىن، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»دا بېكىتىلگەن 102 تۈرلۈك زور قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلاندىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى ۋە تور ئالاقىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە، شەھەرلەردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق مۇھىم ئامىل كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈلگەن، شەرت ھازىرلىغان تۈرلەردە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە كۆپ يىل دەلىللەنگەن چوڭ-چوڭ سۇچىلىق تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋاقتىنچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان قىسمەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قىلىدىغان ئىشى، كىرىمى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش تۆۋەنلەپ كەتكەن جايلارنىڭ خىزمەتنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ جانلانماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، مەبلەغنىڭ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش تەلىپى بويىچە، بۇلتۇر 4- پەسىلدە تارقىتىلغان 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايوم مەبلىغىنى تېزدىن كونكرېت تۈرگە چۈشۈرۈش كېرەك. بۇ يىل چۈشۈرۈلگەن مەخسۇس قەرزنى چىڭ تۇتۇپ تارقىتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇۋاتقان ۋە تېزدىن ئىش باشلىغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، 1-پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى، رايونلارنى باھالاش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق تېببىي دورا باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە جەمئىي 260 مىليارد يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاغرىقلار چىقىمى تېجەپ قېلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېببىي دورا كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ھەم كېڭەيتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تېببىي دورا باھاسىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، جايلار دۆلەت مەركەزلىك سېتىۋالىدىغان دورىلاردىن باشقا دورىلارغا قارىتا ئۆلكە دەرىجىسىدىن ياكى ئۆلكە ھالقىپ بىرلىشىپ سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىسىدىن مەركەزلىك سېتىۋالىدىغان دورىلار ھەر بىر ئۆلكىنىڭ 350تىن ئاشىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان سۆڭەك كېسەللىكلىرى خورىما ماتېرىياللىرى، دورا شارسىمان خالتىسى، چىش كۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى دۆلەت ۋە ئۆلكە قاتلىمىدىن مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، تاللانغان دورا ۋە خورىما ماتېرىياللار بىلەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشى، سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرى تاللانغان مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئالدىن ئىشلىتىشى كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ قالدۇقىنى يىغىپ قالدۇرۇپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ كىرىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارنى تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ