مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بۇ كارخانىلارنى ئامېرىكىغا ياخشىچاق بولۇش كويىدا بولماسلىققا دەۋەت قىلىمىز»

2022.01.14 22:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يېقىندا ئامېرىكا ۋولمارت قارىمىقىدىكى سام ئەزالىق دۇكىنىنىڭ ھېچقانداق يوللۇق سەۋەبى بولمىغان ئەھۋالدا شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۇكاندىن چىقىرىۋەتكەنلىكىگە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەزى كارخانىلار بىر تەرەپتىن جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ پۇلىنى تېپىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ماللىرىنى دۇكاندىن چىقىرىپ تاشلىدى، بۇنداق قىلمىش بازار پىرىنسىپىغا خىلاپ بولۇپ، ئەخلاق پىرىنسىپىغا ماس كەلمەيدۇ، چوقۇم جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بۇ كارخانىلارنى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىككە، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىككە، ئوغرىلىقچە سىياسىي ئالدامچىلىق قىلىش ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان يامان ئاقىۋەتنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىككە دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگودا تىجارەت قىلغاندا جۇڭگونىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىش، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار بىلەن بىر قازاندا قاينىماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلماسلىق لازىم، خالىغانچە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ تۆھمەت قىلسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  شۈ گۈيشياڭ: نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار شىنجاڭدا تىجارەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، يەنە كارخانا مەسئۇللىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قىلىپ، ئوبيېكتىپ بىتەرەپلىك مەيدانىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇسۇلى كارخانىلارنى ئۆزىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلاش بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنداق ئويۇنلىرىغا قاتناشماسلىق كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شۈ گۈيشياڭ ئالاقىدار چەت ئەل كارخانىلىرىنى ئەسكەرتىپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەكچان ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭمۇ ئەلا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ كارخانىلارنى ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ئويلىشىشقا، ئامېرىكىغا ياخشىچاق بولۇش كويىدا بولماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ