مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خەيچاۋ پارتىيەدىن قوغلاندى

2021.12.02 13:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى جۇڭگو نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خەيچاۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن، جىنخۇا شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ خەيچاۋنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىم ىبولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەگە سادىق ئەمەس، سەمىمىي ئەمەس، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى يۆتكەش، يوشۇرۇش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ پاكىتلارنى يوشۇرماقچى بولغان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان سوۋغات، ئىستېمال كارتىلىرىنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي قارىشى سۇسلىشىپ كەتكەن، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلماسلىق؛» كارخانىنى يۇنۇپ يېيىش» ، خىزمەت ھوقۇقى ياكى خىزمەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە ياردەم بېرىش، ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشىغا يول قويۇش ۋە سۈكۈت قىلىش ھەمدە زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ، ھوقۇق-ئىشقىۋازلىق سودىسى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى بايقالغان.

  جاڭ خەيچاۋ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەم پارا ئېلىش، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغاچقا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى جاڭ خەيچاۋغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىپ، ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنى جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، چېتىشلىق پۇل-مالنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ