مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.12.01 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم يۆنىلىش. ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى شەكلىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى شەرھلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە - جۇڭگو ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى مۇقىم يۈرۈشۈپ، ئېنېرگىيە سودىسى پۇختا قەدەمدە كېڭەيدى، شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنى ئېچىش ۋە ھەمكارلىشىپ يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى. ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رۇسىيە - جۇڭگو ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ