شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2021.12.01 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقىدىن تەركىب تاپقان بايراق سېپى ھەيۋەتلىك، كۆركەم، قىزغىن، جۇشقۇن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مۇستەھكەم دوستلۇق رىشتىنى نامايان قىلغانىدى.

  شى جىنپىڭ «جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باشلىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يىمىرىلمەس قېرىنداشلىق رىشتى ئورنىتىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىدە خاسلىقى روشەن بولغان ھەمكارلىق يولىدا مېڭىپ، چېگىش، مۇرەككەپ بولغان ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشتا شانلىق ئۈلگە تىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى نېمە ئۈچۈن ياخشى؟ جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقى نېمە ئۈچۈن چوڭقۇر؟ ئاچقۇچ شۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مۇستەھكەم بولغان جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىق روھىنى ياراتقانلىقىدا، ئۇ دەل «سەمىمىي دوستانە بولۇش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئادىللىقنى ياقلاش، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش»تىن ئىبارەت. بۇ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتىكى كۈچ مەنبەسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى، مەن ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگونى قوللىغان كەڭ ئافرىقىلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، راستچىل - سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا بولغان ئادىل مەنپەئەت قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق، ھەمكارلىق روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، كەڭ ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇنداق تۆت نۇقتىدىن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋاكسىنىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كەچۈرۈم قىلىشنى قوللاپ، ۋاكسىنىنىڭ ئافرىقىدا ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىممۇنىتېت ھاڭى»نى تۈگىتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىلىق ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئۈچىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش. دۇنيا ھەقىقىي بولغان كۆپ تەرەپچىللىككە موھتاج. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىدىغان ئورتاق نىشانى. بىز ھەممىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ھەممىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەممىسىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇشى، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشى، يەككە تەرەپلىمە چەكلىمە قويۇشقا قارشى تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي تەشەببۇسىدا مەردانىلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئورتاق تەلىپىمىز ۋە ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى ئورتاق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ 2035 - يىل ئارزۇسى»نىڭ تۇنجى ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانى بولغان «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئورتاق يولغا قويىدۇ.

  بىرىنچى، سەھىيە - ساغلاملىق قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقا تەرەپنى يەنە 1 مىليارد ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەقسىز ياردەم بېرىدىغىنى 600 مىليون، 400 مىليون ۋاكسىنىنى جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرى ئالاقىدار ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىپ ئون داۋالاش، سەھىيە تۈرىنى يولغا قويىدۇ، ئافرىقىغا 1500 داۋالاش خادىمى ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسى ئەۋەتىدۇ.

  ئىككىنچى، نامراتلارنى ئازايتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە يېزا ئىگىلىك تۈرىدىن ئوننى يولغا قويۇپ، 500 يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى ئەۋەتىدۇ، جۇڭگودا بىر تۈركۈم جۇڭگو - ئافرىقا زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە تەربىيەلەش بىرلەشمە مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلىرىنى ئافرىقىدا جۇڭگو - ئافرىقا يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە نامراتلارنى ئازايتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئافرىقىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئىتتىپاقىنىڭ «100 كارخانا، 1000 كەنت» پائالىيىتىنى باشلىشىنى قوللايدۇ.

  ئۈچىنچى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى ئۈچۈن «يېشىل يول» ھازىرلاپ بېرىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئافرىقىدىن ئىمپورت قىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى 300 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. جۇڭگو 10 مىليارد دوللارلىق سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقىنىڭ ئېكسپورتىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ، جۇڭگودا جۇڭگو - ئافرىقا ئىقتىساد - سودىدا چوڭقۇر ھەمكارلىشىش بويىچە ئالدىن يولغا قويۇش رايونى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق كەسىپلەر باغچىسىنى قۇرىدۇ. ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئون ئەسلىھەلىك بىرلەشمە ئالاقە تۈرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىقتىساد ھەمكارلىقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  تۆتىنچى، مەبلەغ سېلىشنى قوزغىتىش قۇرۇلۇشى. جۇڭگو كەلگۈسى ئۈچ يىلدا كارخانىلارنىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 10 مىليارد دوللاردىن كەم بولماسلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭگو - ئافرىقا خەلق ئىچى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسى» تەسىس قىلىپ، ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئون سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىنى يولغا قويىدۇ، ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى 10 مىليارد دوللارلىق ئىناۋەت سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو - ئافرىقا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى مەركىزى تەسىس قىلىدۇ. جۇڭگو ئافرىقىدىكى ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قەرەلى توشۇپ تېخى قايتۇرۇلمىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۆسۈمسىز قەرز پۇل قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى كۆپەيتكەن ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى ئىچىدىن 10 مىليارد دوللارنى ئاجرىتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئۆتنە بېرىپ تۇرۇشنى خالايدۇ.

  بەشىنچى، رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئون رەقەملىك ئىقتىساد تۈرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش ئەمەلىي قوللىنىشچان ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، ھەمراھلىق تەتقىقات ئورنى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بازىسى قۇرۇشنى قوللايدۇ. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا» ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئافرىقا ئېسىل ماللىرىنى توردا سېتىۋېلىش بايرىمى ۋە ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقىدىكى «100 دۇكان، 1000 خىل مەھسۇلاتنى سۇپىغا چىقىرىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ.

  ئالتىنچى، يېشىل تەرەققىيات قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئون يېشىل مۇھىت قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تۈرىنى يولغا قويىدۇ، «ئافرىقا يېشىل سەددىچىن سېپىلى» قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، ئافرىقىدا تۆۋەن كاربونلۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرىدۇ.

  يەتتىنچى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئون مەكتەپنى يېڭىدىن قۇرىدۇ ياكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئافرىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن 10 مىڭنى تەتقىقات - مۇھاكىمە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. «كەلگۈسىدىكى ئافرىقا − جۇڭگو - ئافرىقا كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىق پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «ئافرىقىلىق چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزىق لىنىيە سۇپىسى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. داۋاملىق تۈردە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «لۇ بەن ھۈنەرخانىسى»نى تەسىس قىلىپ، ئافرىقىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنى شۇ جاينى 800 مىڭدەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  سەككىزىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىلگاھ دۆلەتكە ئايلىنىشىنى قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگودا ئافرىقا كىنو بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئافرىقىدا جۇڭگو كىنو بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ياشلىرى مۇلازىمەت مۇنبىرى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ئاياللار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ.

  توققۇزىنچى، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك قۇرۇلۇشى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ ئون تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ساھەسى تۈرىنى يولغا قويىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ھەربىي ئىشلار بويىچە ياردەم بېرىشنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خەۋپسىزلىكىنى ئۆز ئالدىغا قوغدىشىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، جۇڭگو - ئافرىقا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە مەشىقى، نەق مەيداندا تەربىيەلەش، يېنىك، كىچىك قوراللارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى 2 مىليارد 700 مىليون خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى سال نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى زىسېكدى، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېس سىنلىق شەكىلدە يىغىنغا قاتناشتى. ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى ھەمدە قىسمەن خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگەنلىكى قاتارلىق قىممەتلىك ياردىمىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باشلىغان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي، دوستانە بولدى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بەردى، ئۆزئارا ئىشەندى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ھەرخىل سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى، ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئاجايىپ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، ئافرىقا تەرەپ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس ۋە ئافرىقا - جۇڭگو ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش» جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان سەمىمىي ئارزۇسى ۋە قەتئىي مەدىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى ئافرىقا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، داۋاملىق بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشىنى قوللايدۇ. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، خەلقئارا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ياشىسۇن ئافرىقا - جۇڭگو دوستلۇقى! ياشىسۇن ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقى!

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى سېنېگال پايتەختى داكاردا نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ