مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەك خەتەرلىك: چاڭشا تاموژنىسى توققۇز گاز قۇتىسىنى قولغا چۈشۈردى

2021.12.02 12:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چاڭشا تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاڭشا پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى يېقىندا چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن پوچتا يوللانمىسىدىن گاز قۇتىسىدىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، بۇ، چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن پوچتا يوللانمىسىدىن تۇنجى قېتىم گاز قۇتىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ پوچتا يوللانمىسى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن بۇ پوچتا يوللانمىسى «ئويۇنچ» دەپ ئىلتىماس قىلىنغان، ئىچىدىكى يېقىلغۇ گاز قۇتىسى ئادەتتە دالىدا ئوت يېقىش، يورۇتۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن، ھەر بىر قۇتىدا 110 گىرامدىن 450 گىرامغىچە يېقىلغۇ گاز بولۇپ، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇمغا تەۋە ئىكەن.

  چاڭشادىكى تاموژنا ئورگىنى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پوچتا يوللانمىلىرى ۋە تېز يوللانمىلارنىڭ ئارىسىغا «ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار كۆرسەتمە مۇندەرىجىسى» يېزىلغان ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار بايقالسا، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلغان ياكى باشقا بۇيۇملار دەپ يالغان مەلۇم قىلىپ ئەۋەتكەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ