مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىغا ھەر قېتىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى كۆرسىتىش لازىم

2021.08.16 23:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2021-2025-يىل)»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى قانداق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى ئاممىنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ ئامما بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقە قىلىدىغان بىرىنچى سەپتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي بولۇشنى زادى ئىشقا ئاشۇردىمۇ-يوق؟ بۇنىڭغا قارىتا ئاممىنىڭ قەلبىدە بىر تارازا بار. بەزى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قىلىدىغاننى قىلمايدۇ ياكى قالايمىقان قىلىدۇ؛ بەزى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى بىردەك ئەمەس... نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى بۇ گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ھەر قېتىملىق قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئاممىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا باغلىق. پىروگراممىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «يوشۇرۇن قانۇن ئىجرا قىلىش»، «يەمچۈك تاشلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش» قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئاشكارىلاش، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش، مۇھىم قانۇن ئىجرا قىلىش قارارىنى قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇقتۇرۇش تەرتىپى ۋە چەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاشكارا قىلىش كېرەك.

  قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بېكىتىپ، چېگرا ئايرىش كېرەك. ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىش، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقتەك قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ كونكرېت قانۇن ئىجرا قىلىشتا قايىل قىلىش تەربىيەسى بېرىش، نەسىھەت قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، قانۇن-قائىدىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنىڭ سالمىقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ