مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى جايلارنىڭ «قوش كېمەيتىش» ئەھۋالىنى يېرىم ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى

2021.08.12 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ «قوش كېمەيتىش» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى ئۆلكىلەر «قوش كېمەيتىش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش سۈرئىتى ئەھۋالىنى 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 30-كۈنىدىن بۇرۇن يوللايدىكەن، گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى جەملەپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس تۈر بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش يېرىم ئايلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جايلاردىكى مەشغۇلات ۋاقتى ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتى ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قىسقارتىش ئەھۋالى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش ئېلانلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە ئامما پاش قىلغان مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ