مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كانادالىق زەھەر ئەتكەسچىسىگە جۇڭگودىكى ئىككىنچى سوتتا ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلدى

2021.08.11 12:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى كانادالىق جاۋابكار روبېرت لويد شېللېنبېرگنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى دېلوسىغا قانۇن بويىچە 2-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان ھەمدە قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان.

  داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار روبېرت لويد شېللېنبېرگنىڭ تەشكىللىك خەلقئارا زەھەر ئەتكەسچىلىكى ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 222.035 كىلوگىرام مېتىل فېنىل ئالانىنئامىن ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بېكىتتى. جاۋابكارنىڭ جىنايەت پاكىتى، خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن زىيىنىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن جاۋابكار روبېرت لويد شېللېنبېرگقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار روبېرت لويد شېللېنبېرگ قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دېلونى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىپ، 1-سوتتا بېكىتىلگەن پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات ئەينەن، تولۇق، جىنايەت بېكىتىش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق، سوت قىلىش تەرتىپى قانۇنلۇق دەپ قاراپ، يۇقىرىقى كېسىمنى چىقارغان. ئىككىنچى سوتتا سوت قىلىش مەزگىلىدە، سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شېللىنبېرگنىڭ ئاقلاش، ئۆز دۆلىتىنىڭ تىلىنى قوللىنىپ دەۋاغا قاتنىشىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىككى نەپەر تەرجىمان تەكلىپ قىلدى. كانادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، خەلق قۇرۇلتىيىۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، جەمئىيەتتىكى ئامما قاتارلىقلار ھۆكۈمنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ