مائارىپ مىنىستىرلىقى: كۈزلۈك ئوقۇش باشلانغاندا تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردا ئوقۇش باشلاشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك
2021.08.06 14:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ-5-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-بىرلەشمە كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت تەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ پېيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى خىزمەتلەردە ئومۇمىيەتكە بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. كۈزلۈك ئوقۇش باشلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئوقۇش باشلانغاندا يەنە ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر رايونىدا ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلۈپ، مەكتەپكە قايتىش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ