مۇھىم خەۋەر! تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ مارسنىڭ ئوتوپىيە تۈزلەڭلىكىگە قونماقچى
2021.05.14 20:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، ھەرقايسى سىستېمىلارنىڭ خىزمىتى نورمال بولدى. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ مارسنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىرىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. نۆۋەتتىكى ئۇچۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تيەنۋېن 1-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ بېيجىڭ ۋاقتى 15-ماي سەھەردىن 19-مايغىچە ۋاقىت تاللاپ، مارسنىڭ ئوتوپىيە تۈزلەڭلىكىگە قونماقچى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ