باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەجرىبە ئۇچقۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى(1)

2014.10.24 17:09   مەنبە: خەلق تورى

تەجرىبە ئۇچقۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر شىچاڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئوربىتاغا قايتا كىرىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىدىغان تەجرىبە ئۇچقۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

  تەجرىبە ئۇچقۇسى تەخمىنەن سەككىز كۈن ئۇچۇپ، يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئاي شارى ئوربىتىسىغا ئۆتۈش، ئايغا يېقىن بارغاندىن كېيىن كەينىگە قايتىش، ئاي شارى ئوربىتىسىدىن يەر شارى ئوربىتىسىغا ئۆتۈش، يەر شارىغا يېقىنلىشىش، يەر شارىغا قايتىش قاتارلىق بەش ھالقىلىق باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا چۈشىدۇ.

  «يىراققا نەزەر» ناملىق ئۆلچەش ئەترىتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قونۇشنى ئۆلچەش پونكىتلىرى، بېيجىڭ ئۇچۇشنى كونتىرول مەركىزى ۋە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ ئۆلچەش-تىزگىنلەش مەركىزى ئالەمگە ئۇچۇشنى ئۆلچەش-تىزگىنلەش تورى قۇرۇپ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ. (ۋۇ يۆخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز