باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

پوسكام ناھىيەسى ئۆكتەبىر بايرىمىدىن بۇيان 210 مىڭ ئادەم( قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 18 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كىرىمى ياراتتى(1)

2014.10.27 09:51   مەنبە: خەلق تورى

پوسكام ناھىيەسى ئۆكتەبىر بايرىمىدىن بۇيان  210 مىڭ ئادەم( قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 18 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كىرىمى ياراتتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختى قۇربان خەۋىرى، فوتوسى: 2014- يىلى پوسكام ناھىيەسى ئۆكتەبىر بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكى ۋە 7-نۆۋەتلىك ئالتۇن توغراق ساياھات-مەدەنىيەت بايرىمى پالىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايون ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىنى پوسكامغا جەلب قىلدى . بولۇپمۇ «5 ئا دەرىجىلىك» دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى .10-ئاينىڭ 22-كۇنىگىچە پوسكام ناھىيەسى ئاپتونوم رايون ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن 216 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت كىرىمى ياراتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پوسكام ناھىيەسى مەنزىرە رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۇستۈرۈش بىلەن بىللە 7-نۆۋەتلىك ئالتۇن توغراق ساياھەت يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ ، تەشۋقات سالمىقىنى زورايتىپ ، ئالتۇن توغراق دۆلەتلىك«5ئا دەرىجىلىك» ئورمان ساياھەت باغچىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پوسكام ناھىيەسىنىڭ 3-كەسپ تەرەققىيات قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپ ئۈنۈمى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرغان.

  1-سۇرەتتە: ساياھەتچىلەر توغراق ساياھىتى قىلماقتا.

  2-سۇرەتتە: ساياھەتچىلەر يېڭىدىن سەپلەنگەن ساياھەت پويىزى بىلەن توغراق سەيلىسىدە.

  3-سۇرەتتە: ساياھەتچىلەر توغراقلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى دارۋاز ئويىنىنى كورمەكتە.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز