خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مەلىكەم 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى بۇلتۇر رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلىشى بويىچە دۆلەتنىڭ تۈر ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، كۈيباغ، ئاختام، ئىككىسۇ قاتارلىق 8 يېزا-بازاردىكى 22 مىڭچە دېھقان ئائىلىسىگە تۇنجى باسقۇچتا سۇنئىي ھەمىراھدىن رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى ھەقسىز ئۇرنىتىپ بەرگەندىن باشقا ھەربىر ئائىلىگە بىردىن چاستۇتىسى تەڭشەلگەن رادىيو قوبۇللىغۇچ تارقىتىپ بېرىپ، دېھقانلارنى100 نەچچە قانالدا سۈپەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگىراممىكلىرىنى كۆرۈش-ئاڭلاش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسىدە ئىككى يىلدىن بۇيان 50 مىڭغا يېقىن ئائىلىدىكى 180 مىڭدىن ئارتۇق كىشى دۆلەتنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش تۈر قۇرۇلىشىدىن مەنپەتلەنگەن.
1-سۇرەتتە: تېخنىكلار سىگىنال قوبۇللاش ئۈسكىنىلىرىنى قۇراشتۇرماقتا.
2-سۇرەتتە: دېھقانلار چاستوتىسى تەڭشەلگەن رادىيو قوبۇللىغۇچتىن رادىيو ئاڭلىماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى