مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىغا بارىدىغان 6000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىزىسى بىكار قىلىندى

2025.08.20 17:02 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا بۇ يىل 6000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋىزىسىنى بىكار قىلدى، دېدى

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى، فوكس ئاخبارات تورى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بۇ يىل 6000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان.

ترامپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئامېرىكىدا ئوقۇشقا قارىتا بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى چىقاردى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدا، پۈتۈن ئامېرىكىدا 4700 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكىدىكى قانۇنلۇق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ