دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى-قالدۇردى

2025.08.18 14:58 مەنبە: خەلق تورى

«خەلق گېزىتى»نىڭ 2025-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى 1-نەشرى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى-قالدۇردى:

1. ۋاڭ يىڭۋۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كامېرون جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

شۈ يۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كامېرون جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

2. خۇاڭ ۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

سۈن يۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

3. شۈ جيېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاڭ ياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

4. گو جىجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كومورو ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

خۇاڭ جېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كومورو ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

5. جى شۇمىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

گو جىجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

6. چيەن نەيچېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جى شۇمىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

7. لۇ شەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇركىنا فاسودا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاۋ دېيۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇركىنا فاسودا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

8. چېن داۋجياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يامايكىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

ۋاڭ جىنفېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يامايكىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

9. يەن شيۇشېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باربادوستا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جېڭ بىڭكەينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باربادوستا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

10. خەن جىچياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تايلاند پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاڭ جيەنۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تايلاند پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ