تاغ-دەريالارنى گېساڭ گۈللىرىگە ئوراپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارلىق ئېگىزلىك پەرزەنتلىرىگە رىشتە باغلاپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

2025.08.20 16:58 مەنبە: خەلق تورى

ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ھىمالايا تېغى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىسىگە گۇۋاھ بولدى.

ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرغان يالۇزاڭبۇ دەرياسى قارلىق ئېگىزلىك پەرزەنتلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە مەدھىيە ناخشىسى ياڭراتتى.

1965-يىل 9-ئايدا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى لخاسادا ئېچىلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىغا ماڭدى.

ئاتمىش يىللىق بوران-چاپقۇن ۋە جەبر-جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىزاڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە خەلق دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىزاڭ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەش

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇردى!

2025-يىلى يازدا، لىنجى شەھىرى بايى رايونى گالا كەنتىدە كىشىنى روھلاندۇرىدىغان خەۋەر تارقالدى.

گالا كەنتى «شاپتۇل چېچەكلىگەن جاي». 2021-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن مۇڭداشتى، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

يېزا-كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ... تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كەنتنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، «بېيدوۋ يۇلتۇزىغا قاراپ ماڭساق يولدىن ئېزىپ قالمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق بەختلىك بولىمىز» دېگەن بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق يۇرتداشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

«سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ يازغان جاۋاب خېتى قارلىق ئېگىزلىك پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

گالا كەنتىدىكىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى.

ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، نامرات، ئارقىدا قالغان كونا شىزاڭنى ئىقتىساد، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، خەلق تۇرمۇشى بەختلىك بولغان يېڭى شىزاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، «قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا، مىڭ يىلنى بېسىپ چۈشىدىغان» جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى.

غەربىي جەنۇب چېگرا بويىغا جايلاشقان، كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان شىزاڭ مۇھىم دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايون ھېسابلىنىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىزاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىزاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەم يېڭى پۇرسەتكە، ھەم يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى :

دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقىچە، چېگرا رايونلارنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى شىزاڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ؛

پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، چوڭ تەڭشىلىش، چوڭ بۆلۈنۈش، چوڭ قايتا تەشكىللىنىش شارائىتىدا، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر گىرەلىشىپ كەتتى.

«شىزاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك»، «شىزاڭنىڭ سىجىل مۇقىملىقى ۋە تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە»...يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، شىزاڭنى قانداق ئىدارە قىلىش، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئويلاندى.

« دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم چېگرانى ئىدارە قىلىش، چېگرانى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن شىزاڭنى مۇقىم قىلىش كېرەك.»

2013-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىزاڭ زالى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ھەم ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ شىزاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئورتاق ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان ئىجادىي تەرەققىياتى نامايان قىلىنغان.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىش» يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ «چېگرا ئىدارە قىلىش»قا نەزەر سېلىندى، مەۋقە «چېگرانى ئىدارە قىلىش» نۇقتىسىدىن «شىزاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش»قا قويۇلدى.يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭنىڭ ئورنى ۋە پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى شىزاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۈتۈنلەي يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

2015-يىل 8-ئايدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز ئاچقان بىر قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتىنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىش يىغىنى، يەنى مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالتە جەزمەن» ئارقىلىق 60 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەنگەن پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يىغىنچاقلىدى.

بۇ تەدبىر ھەم ئۇزاقتىن بۇيانقى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ زىچ ماسلاشقان بولۇپ، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما ھېسابلىنىدۇ.

ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

بەش يىلدىن كېيىن، 2020-يىلى 8-ئايدا، مەركەزنىڭ 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى −

جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش؛

جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىشتا چوقۇم چېگرانى ئىدارە قىلىش، چېگرانى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن شىزاڭنى مۇقىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش؛

جەزمەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش؛

جەزمەن شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت مۇھىم پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش؛

جەزمەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛

جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش؛

جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛

جەزمەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش؛

جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى، بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«ئالتە جەزمەن»دىن «ئون جەزمەن»گىچە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» باشتىن-ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇلدى. باشقا مەزمۇنلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە بېرىش تەدبىرى يەنىمۇ بېيىتىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى.

«مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، قارلىق ئېگىزلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقان شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!»

2021-يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى، قارلىق ئېگىزلىك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى − باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭغا كېلىپ، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىزاڭغا كېلىپ شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى كۆردى، يول بويى سورىدى، يول بويى ئاڭلىدى. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك كۈنلىرىنىڭ خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گېساڭ گۈلىگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قارلىق ئېگىزلىكنىڭ گۈزەل، ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى كەيپىياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ خۇشال بولدۇم! »

تارىخ شۇنى چوڭقۇر ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، شۇنداقلا يېڭى شىزاڭمۇ بولمايتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن، سىياسەتلىرى تامامەن توغرا.

ئەمەلىيەت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ شىزاڭنى ئىدارە قىلىپ، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىشى، تاۋلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش

− «مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك »

يالۇزاڭبۇ دەرياسى جىلغىسىدا، لخاسا-لىنجى تۆمۈريولىدىكى فۇشىڭ ناملىق پويىز غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى.

لخاسا-لىنجى تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تۆت يىلدىن بۇيان، جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 3 مىليون 950 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، توشۇلغان يۈك 1 مىليون 270 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

«پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قاتناش خەرىتىسى خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايدۇ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ھەممىسى نەپىس سىزما، غەربىي قىسمىدا بوشلۇق بەك چوڭ، كەلگۈسىدە يەنە تولۇقلاپ سىزىش كېرەك...» 2021 ـ يىل 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ تۆمۈريولنىڭ لىنىيە بويىدىكى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇش»− پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، دىققەتنى «تۆت چوڭ ئىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى.

لخاسا باكو كوچىسىنى سەيلە قىلغاندا، ئەتراپنى سېرىق ماينىڭ خۇش ھىدى قاپلىدى.

«ياخشىمۇسىز، گۇڭكاڭساڭ...» باكو كوچىسى لۇگۇ مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدىن رەتلىك دېكلاماتسىيە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىپ يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، لۇگۇ مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قوش تىل كىچىك دەرسخانىسى»ئاچتى. تىل ئالماشتۇرۇش قانچە راۋان بولسا، قەلب بىلەن قەلب شۇنچە چىڭ يېقىنلىشىدۇ.

2021-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ باكو كوچىسىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، خاس تاۋارلار دۇكىنىغا كىرىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، زاڭزۇ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى.

«مەن 23 يىل ئىلگىرى بىر قېتىم كەلگەن، ھازىر نېمىدېگەن ياخشى بولۇپ كەتتى-ھە! » باش شۇجى چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مىڭ يىللىق باكو كوچىسى بىز ھەرقايسى مىللەتلەر قۇرۇپ چىققان باكو كوچىسى. ھەرقايسى مىللىي مەدەنىيەت بۇ يەردە ئارىلاشتى، ئالماشتى، يۇغۇرۇلدى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭ ئائىلىسى بۇ يەردە شاد-خۇراملىققا چۆمدۇق.»

گۈللەنگەن باكو كوچىسى شىزاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا جانلىق ئىزاھات يازدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش

ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، يەتتە شەھەر ( ۋىلايەت ) نىڭ ھەممىسى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر ( جاي ) قىلىپ بەرپا قىلىندى، مەھەللىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، ئورتاق قۇرۇش ھەرىكىتى پۇختا ئېلىپ بېرىلدى...شىزاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسى كۈنسېرى پۇختىلاندى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە.

2025-يىل 7-ئايدا، شىزاڭ لىنجى، يالۇزاڭبۇ دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ «ئەسىر قۇرۇلۇشى»نى ئۆزى پىلانلاپ، يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ مول سۇ ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، سۇ بىلەن شامال، يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇردى، بۇ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، تۈرتكە بولۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئىككى قېتىم لىنجىباجى كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «بېيىش يولى ئايىغىمىز ئاستىدىلا، كاللا ئىشلىتىپ، ئەقىللىق ئادەم بولۇش. ئەقىللىق كىشىلەر ئەمەلىيەتتە تەرەققىيات يولىنى ياخشى تاللىشى كېرەك» دەپ ئىلھاملاندۇردى؛ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىككە «شىزاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىش»نى تاپىلىدى؛ «2023.جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شىزاڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش»ىنى ئۈمىد قىلدى...

شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى باشتىن-ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ كەلدى.

بۈگۈنكى شىزاڭدا، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى، لاسا-لىنجى تۆمۈريولى، لىنلا-لخاسا ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى قاتارلىقلار پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلىنى قاپلىغان ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى؛ چىڭخەي-شىزاڭ، سىچۇەن-شىزاڭ، شىزاڭ-ئوتتۇرا، ئالى ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئاساسىي ئېلېكتىر تورى بارلىق ناھىيە ( رايون، شەھەر ) لەرنى قاپلىدى؛ پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل سانائەت، رەقەملىك ئىقتىساد، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، ئېگىزلىك خەلقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېگىزلىك يېنىك سانائىتى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى...

ئېكولوگىيە شىزاڭنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».

يالۇزاڭبۇ دەرياسى بىلەن نىياڭخې دەرياسىنىڭ كېسىشكەن جايىدىكى يانى سۇلۇق يېرىدە، سۇ دولقۇنلاپ تۇراتتى، بەزىدە قارا بويۇن تۇرنا، ئالىباش ياۋا غازلار ئۇچۇپ ئۆتەتتى.

كۈندىلىك چارلاش-قوغداش، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش، كۆچىدىغان ھايۋانلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش...باشقۇرۇش-قوغداش خادىمى نىماپىڭسونىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى لىق تىزىلغانىدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۆت يىل ئىلگىرىكى تاپشۇرۇقىنى بىز قەلبىمىزگە چىڭ پۈكتۇق.»

2021-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىياڭخې چوڭ كۆۋرۈكىگە كېلىپ، يانى سۇلۇق يېرىگە يىراقتىن نەزەر تاشلاپ، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم، مۇزلۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» «بۇ يەردىكى جانلىقلار، ئوت ـ چۆپ، دەل ـ دەرەخلەر، تاغ ـ دەريالارنى ياخشى قوغداش كېرەك».

مەركەز 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىشتىن 19-نۆۋەتلىك مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش، «چىڭخەي-چىڭخەي ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشقىچە، يەنە دۆلەت رەئىس پەرمانىنى ئىمزالاپ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قانۇنىنى ئېلان قىلىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىدە: «شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداشنىڭ پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ» دەپ ئويلىدى.

«شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشى نىزامى» قاتارلىقلار رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى، قىزىل سىزىقىنى پۇختا ئىگىلەشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى؛ «لياڭجياڭدىكى تۆت دەريا» ئېقىن رايونىدا ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، چېكىنگەن سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش قاتارلىق مۇھىم

ئېكولوگىيە تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، قارلىق ئېگىزلىككە سۈيى سۈزۈك، ئوت-چۆپلىرى يېشىل، ئاسمىنى كۆك ئېلىپ كەلدى؛ ئېكولوگىيەلىك ئىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغدىغۇچىلار «ئېكولوگىيە تامىقى»نى يېدى...بۈگۈنكى كۈندە، شىزاڭ دۇنيادىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئەڭ ياخشى رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چېگرا رايوننى ياخشى قوغداش شىزاڭنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

2021-يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسى ھارپىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقاتتى.

ئەنئەنىۋى زاڭزۇ كىيىمىنى كىيىپ، لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىنىڭ سابىق يېزا باشلىقى جوگا خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا «1-ئىيۇل ئوردېنى»نى تاپشۇرۇۋالدى.

«زاشىدېلې! »باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، سەمىمىي ھالدا بۇ «ئائىلەم يۈمەي، دۆلىتىم جۇڭگو» دېگەن ئېتىقاد بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قوغدىغۇچىدىن ھال سورىدى.

ھاياجانلىق ھېسلىرىغا چۆمگەن جوگا باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، تارتىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى ياخشىمۇسىز، جاپا چەكتىڭىز! »»

قىممەتلىك سۈرەتلەر بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى.

يۈمەي ھەر قېتىم يېڭى قۇرغۇچىلارنى كۈتۈۋالغاندا، جوگا ھەمىشە سۈرەتنى ئېلىپ كۆپچىلىككە مۇنداق دەيتتى: «باش شۇجى بەرگەن < 1-ئىيۇل ئوردېنى > پەقەت ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەس، پارتىيە ۋە دۆلەت ۋەتەننىڭ چېگراسىنى چىڭ قوغداۋاتقان بارلىق ھەر مىللەت خەلقنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»

«سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى ئاممىنى گېساڭ گۈلىگە ئوخشاش قارلىق چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا يېتەكلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»− بۇ، داھىينىڭ جوگا ئاچا ـ سىڭىلغا بەرگەن تاپشۇرۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا «چېگرا رايوننى كۈچەيتىش»تىن كۈتكەن ئۈمىد يۈكلەنگەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى «ئۈچ كىشىلىك يېزا» دەپ ئاتالغان يۈمەي يىراق-يېقىنغا داڭلىق «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن يېزا»غا ئايلاندى؛ شىزاڭغا نەزەر سالساق، چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى پۇختا، ئالغا سىلجىتىش بولۇپ، چېگرادىكى كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تۈرلۈك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.

1998-يىلى، ئەينى چاغدا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى شىزاڭغا ئاپىرىش-ئەكېلىش سەۋەبىدىن شىزاڭغا كەلگەنىدى.

شىزاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۇقىرى ئۆلچەمدە شىزاڭغا ئاپىرىپ قويۇش — فۇجيەننىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى: «لىنجى رايونىنىڭ ئىشى دەل بىزنىڭ ئۆلكىمىزنىڭ ئىشى.» «ئەڭ مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئەۋەتىپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش كېرەك.»

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، ھەقىقىي مۇھەببەت ئۆزگەرمىدى.

2021-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن شىزاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلارغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا: «سىلەر ئېگىزلىكتە تۇرۇۋاتىسىلەر، روھىڭلار ئېگىزلىكتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېدى ھەم «بۇ ئىشنى جەزمەن بىر-بىرلەپ، ئەۋلامۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

جۇڭگو باۋۋۇ گۇرۇھىدىن كەلگەن شۈ پو باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭغا ياردەمگە بارغان كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ نەق مەيداندىكى ئاشۇ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ھازىرغىچە ئېسىدە ساقلىغانىدى: «شىزاڭغا ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مەن قېلىپ، شىزاڭغا يۆتكىلىپ، بۇ تۇپراقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى تاللىدىم».

چوڭ مېھىر-مۇھەببەت تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، چىن ھېسسىيات ئېگىزلىكتە ئەكس ئەتتى.

دۆلەت شىزاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالاقىدار ئۆلكىلەر شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە كۈچلۈك تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىزاڭغا ياردەم بېرىشتە شىزاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. ھەر يەر-ھەر يەردىن شىزاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن تۈركۈم -تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىزاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتمەكتە.

قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، شىزاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ئامما ئېرىشكەن نەپ ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق ياراتتى.

قارلىق دالاغا مۇھەببەت باغلاپ قەلبلەرنى ئىللىتتى

— «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك»

دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى رىكازى شەھىرى دىڭرى ناھىيەسى چاڭسو يېزىسى سېنگا كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان كەنتكە كىرىدىغان يول بۈگۈنكى كۈندە يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى.

2025-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، 6.8 بال يەر تەۋرەش دىڭرى ناھىيەسىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى: «كىشىلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.»

ئىككى كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، شىزاڭ دىڭرىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

قىسقىغىنا بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولغان سېڭگا كەنتىنى قايتا قۇرۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشى-بولۇش بولماسلىقى، ئۇششاق ھالقىلارغىچە كۆڭۈل بۆلۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭ قارلىق ئېگىزلىكتە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىسىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلدى.

«ھازىرقى موتونىڭ ھەممىلا يېرى پاكىز، ئازادە، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول، يۇرتداشلار كىرىش-چىقىشتا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرىدۇ، ماڭىمەن دەپلا ماڭىدىغان ساياھەت ئەمدى چۈش ئەمەس...»

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن، بېيجىڭ خەلق سارىيى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بەيما يۈجېن «ئەزالار يولى»دا كۆپچىلىككە يۇرتى لىنجى شەھىرى موتو ناھىيەسىنىڭ «ئېگىزلىكتىكى يېگانە ئارال»دىن «گۈزەل چېگرا شەھەر»گە ئايلانغانلىقىدەك دەۋر ئۆزگىرىشىنى سۆزلەپ بەردى.

مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى موتودا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بەيما چۈجېن تېلېۋىزوردىن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشنى ئەسلىدى.

2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۇنداق سورىدى: «ھازىر موتوغا بارىدىغان يول راۋانلاشتىمۇ؟»

ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بەيما چۈجېن باش شۇجى شى جىنپىڭغا شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا موتو ناھىيەسىدىكى تاشيولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتى. باش شۇجى مەمنۇن بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى.

يول ئىلگىرىلەشكە گۇۋاھچى بولىدۇ، خەلق قەلبىگە تېخىمۇ تۇتىشىدۇ.

شىزاڭغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە، ئاشخانا، ئامبار، تازىلىق ئۆيلىرىگە كىردى...پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرۈپ قەلبىدە ساقلىدى؛

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، شىزاڭدىكى ئالاقىدار رايونلاردىكى مەسئۇل يولداشلاردىن «بوغۇم يوغىناش كېسىلى بارلار ھازىر كۆپمۇ؟» دەپ سورىدى؛

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ 1-قارارلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى مۇھاكىمە كۇرسى سۆھبەت يىغىنىدا، شىزاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق سورىدى: «سىلەر ھازىر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈردۈڭلەرمۇ؟ ئىسسىنىش پۇلى لخاسانىڭكىدىن پەرق قىلامدۇ؟ ……»

خەلقنى مەركەز قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يادرولۇق ئىدىيەسى؛ يېڭى دەۋردىكى شىزاڭنىڭ تەرەققىيات تومۇرى خەلق ئۈچۈن سوقماقتا.

‐ نۆۋەتتە، شىزاڭدا جەمئىي 42 مىڭدىن ئارتۇق تۆت دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە زاڭزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %89.2 نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇق-مەنپەئەت تولۇق يۈرگۈزۈلدى؛

‐ 2024-يىلى، شىزاڭدىكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 55 مىڭ 444 يۈەنگە يېتىپ، 1965-يىلىدىكىنىڭ 121 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.5 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 578 يۈەنگە يېتىپ، 1965-يىلىدىكىنىڭ 199 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.4 ئاشتى؛

‐ بەش دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمەت تورى خەلقنىڭ ساغلام تۇرمۇشىنى قوغدىدى، شىزاڭدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 72.5 ياشقا ئۇزاردى؛

‐ بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما «سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش قىيىن بولۇش» تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، ئازادە، قولاي زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈردى؛

…………

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى غول، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى شاخ، يىلتىزى چوڭقۇر، غولى مۇستەھكەم بولغاندىلا شاخلىرى باراقسان بولىدۇ».

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ روھى.

شىزاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارئەتىقىلەرنى مۇۋاپىق قوغداپ، قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئىلمىي قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى.

«ساۋاقداشلارنىڭ يۈكسەك ئىرادىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». 2011-يىل 7-ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ شىزاڭ داشۆسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىي يوقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى شىزاڭدا يىلتىز تارتىشقا ئىرادە باغلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بەس-بەستە بېرىپ، ۋەتەن ۋە شىزاڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۆھپە يارىتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شۇ چاغدا نەق مەيداندىكى ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مىماسىرېن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئەسلىدە مەكتەپتە قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بار ئىدى، لېكىن ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياشلىق باھارىنىڭ چىن مەنىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

مەكتەپ قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، شىزاڭ داشۆسى 130 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى مىماسىرېنغا ئوخشاش شىزاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلدى، %25 تىن كۆپرەكى جاپالىق رايونلاردا يىلتىز تارتتى.

2024-يىلىغا قەدەر، شىزاڭدا ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپتىن جەمئىي 3618ى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىدىن 96 مىڭ 600ى بار بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 970 مىڭغا يېتىپ، شىزاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %25تىدىن ئېشىپ كەتتى. شىزاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى تارىخىي ھالقىش شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلدى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

قارلىق دالا يېڭى دەۋرنى قۇچاقلاپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئورتاق ياراتتى.

شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى كۈچ قوشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ