«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش» ( باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2025.08.11 16:35 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز فېڭ خۇا، دۇڭ سىيۈ خەۋىرى

بىپايان زېمىندا ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇردى.

بۇ يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى:«تاغنى، سۇنى، گازنى، شەھەرنى تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ۋادىدىكى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.»

بۇ يىل 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى:«نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-تۈزەشنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.»

ئومۇملۇق ئۈچۈن چارە-تەدبىر بەلگىلەپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلىدى.

شەرقىي شىمال رايونىدىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىغىچە، ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، ھەربىر مەيدان مۇھىم يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.

«دۆلىتىمىز بەرپا قىلىدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نۇرغۇن مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ بىرى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىش بولۇپ، ئۇنىڭدا ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.»

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ― ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت»

بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم تاشلاشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر.

ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ― ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى:«ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى»، «ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە زىيان سالغانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە زىيان سالغانلىقتۇر، بۇ − قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان قانۇنىيەت.»

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ كونا يولىدا ماڭساق بولمايدۇ.»

«كونا يولدا مېڭىش، بايلىقنى خورىتىش، مۇھىتنى بۇلغاش ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ!»

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى − ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسى. ئىنسانلار ئىپتىدائىي مەدەنىيلىك، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيلىكى، سانائەت مەدەنىيلىكىنى باشتىن كەچۈردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سانائەت مەدەنىيلىكى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپى.»

…………

ئورۇن بېكىتمىسى ئېنىق، يۆنىلىش روشەن بولدى.

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش شەرت.

«دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ بىر تارىخىي جۇغلىنىش جەريانى بولىدۇ، بۇ بىر كۈندىلا ناچارلىشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بىزنىڭ قولىمىزدا بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، كوممۇنىستلاردا مۇشۇنداق قەلب ۋە ئىرادە بولۇشى كېرەك.»

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرغان مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىكى «جاھىل كېسەل»لىرىنى ھەل قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر بولدى.

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت.

«كىيىنىش-تويۇنۇشقا ئىنتىلىش»تىن «مۇھىت قوغداشقا ئىنتىلىش»كىچە، «ياشاشقا ئىنتىلىش»تىن «ئېكولوگىيەگە ئىنتىلىش»كىچە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى.

خەلقنىڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى. لياۋنىڭ جىنجوۋدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۇقرالارغا ئەڭ زور ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.» شەندۇڭ رىجاۋدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى بولسا، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي بەخت تۇيغۇسى كۆپىيىدۇ»... ئاددىي-ساددا سۆزلەر، سەمىمىي تاپشۇرۇقلار «ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، تاغلارنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلارنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش»تىكى قەتئىي ھەرىكەتكە ئايلاندى.

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىلەن بايلىقتىن قوش پايدا ئېلىش نىشانىنى كۆزلەش شەرت.

«بىز ئىلگىرى ھەم سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ بولۇشنى، ھەم بايلىقنىڭ بولۇشىنى تەكىتلىگەنىدۇق، ئەمەلىيەتتە سۈزۈك سۇ، سۈزۈك تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. 2005-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن «ئىككى بايلىق» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خاربىن 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«بىز خاربىنغا كېلىپ، ‹قار-مۇزلۇقنىڭمۇ بىر بايلىق› ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.»

«ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى ئىقتىساد، ئېكولوگىيەنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق.» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق.» …

ئىدىيە ئۆزگەرسە جاھان ئۆزگىرىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگودا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، ئالاقىدار تۈزۈلمە-مېخانىزملار تېز مۇكەممەللەشتى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىنىپ، 2013-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.3لىك ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1لىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولدى.

ئۇلۇغۋار قەلىمى ئاستا-ئاستا يېيىلدى.

«تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ئارقىلىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.»

يېشىل رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى مۇقەررەر ھالدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان ئورتاق پايدا ئېلىش يولى بولغۇسى.

ئىنسانىيەت تەبىئەتنى نائۈمىد قويمىسا، تەبىئەتمۇ ئىنسانىيەتنى ھەرگىز نائۈمىد قويمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ