
مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۈەن، ليۇ لىڭلىڭ
«جۇڭگو ئۆزىنىڭلا تەرەققىياتىنى كۆزلىمەيدۇ، بارچە گۈللەرنى تەكشى ئېچىلدۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.»
20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
«رەئىس شى جىنپىڭ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئۇرۇش ئەمەس بەلكى تىنچلىقنى، قارشىلىشىش ئەمەس بەلكى ھەمكارلىقنى، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.» بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇشى ھازىرقى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كۆلىمىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن غايەت زور بازارنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانداق يولدا مېڭىش كېرەك، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش.» جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى.
تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىنتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىدا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان، زومىگەر بولىدىغان، زومىگەرلىك قىلىدىغان گېن يوق.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى تىنچلىق خۇسۇسىيىتىنى شۇنداق ئىزاھلىدى: «جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپ <ئۆزى خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭماسلىق>، <دۇنيا خەلققە مەنسۇپ>، <بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش> ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ھەرگىزمۇ دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەر بولىدۇ دەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، ھەم بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان نۆل يىغىندىلىق ئويۇننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلمايدۇ، چۈنكى جۇڭگولۇقلاردا ئەزەلدىن بۇنداق مەدەنىيەت گېنى يوق، بۇنداق قارا نىيەتمۇ يوق. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىق كۈچلىرىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
تارىختا، بەزى دۆلەتلەر ئۇرۇش، مۇستەملىكە، تالان-تاراج قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلققە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن. جۇڭگو باشقىلارغا زىيان سېلىش ھېسابىغا ئۆزى پايدا ئالىدىغان، قانلىق جىنايەتكە تولغان بۇنداق كونا يولدا ماڭسا بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەرگىز ماڭمايدۇ. جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ھازىرغا قەدەر، دۇنيادا زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويغان دۆلەت 20 دىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد ئەتراپىدا، تەخمىنەن 673 مىليون ئادەم يەنىلا ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشىش، بېيىغانلار بارغانسېرى بېيىش ئاساسىغا قۇرۇل بولمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە دۇنياۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.»
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە جاھان ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن.
يېزىغا چۈشۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە كىرگەن چاغدا «يۇرتداشلارغا تويغۇدەك بىر ۋاخ گۆش يېگۈزۈش» ئارزۇسىدىن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى «جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش» ئارزۇسىغىچە؛ فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زەمبۇرۇغ ئوت تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن دۆلەت رەھبىرى بولغاندىن كېيىن سېنېگالدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكىچە... مەيلى ئەتراپىدىكى يۇرتداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولسۇن ياكى دۇنيادىكى باشقا دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى بولسۇن، يولداش شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرمۇ ئادەم كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەندىن «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولمايدۇ، بىر دۆلەتمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ» دېگەنگىچە، جۇڭگو تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردى −
ھىندونېزىيەدە، پويىز جاكارتا-باندۇڭ گاۋتىيې يولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى، يولۇچى لالى «جۇڭگو تېخنىكىسى» ۋە «جۇڭگو سۈرئىتى»گە قايىل بولۇپ باش بارمىقىنى چىقاردى؛
ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىدىن دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغىچە، بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، تەشەببۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ھەربىر كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، بۇنىڭ ھەممىسىگە چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن − « ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا، گۈللىنىش ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، خەۋپسىزلىك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.»
«دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش تېز سۈرئەتتە راۋاجلانماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ قورساق بولۇپ، ئارازلىق ۋە توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بىپايان زامان-ماكان كەڭلىكىدە تۇرۇپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلاندى.
«بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىمىزنى كۆزلىشىمىز ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ