
مۇخبىرلىرىمىز لى چاڭيۈ، ليۇ بوتۇڭلار خەۋىرى
8-ئايدىكى شىزاڭدا ئارپا تەدرىجىي پىشىپ، قوي-كالىلار سەمرىمەكتە. جۇمۇلاڭما چوققىسى بۇلۇتقا تاقىشىپ، يالۇزاڭبۇ دەرياسى توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىپ، قارلىق ئېگىزلىكتىكى ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولماقتا.
شىزاڭ دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم دۆلەت خەۋپسىزلىك توسۇقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 1965-يىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى رەسمىي قۇرۇلۇپ، شىزاڭ تارىخىدا يېپيېڭى بىر بەت ئېچىلدى.
60 يىل نەچچە مىڭ يىلنى بېسىپ چۈشتى. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىزاڭ غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆچمەس جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتتى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزى يېڭى دەۋردىكى شىزاڭ خىزمىتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مەركەز 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، يېڭى دەۋردىكى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى
«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت.»
«باش شۇجى جاۋاب خەت قايتۇردى!» بۇ يىل يازدا شىزاڭ لىنجى شەھىرى بايى رايونىنىڭ لىنجى بازىرى گالا كەنتى شادلىققا چۆمدى.
«بۇ بىرنەچچە يىلدا كەنتتە يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلىپ، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ گالا كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە قايتۇرغان بۇ جاۋاب خېتىدە، ئۇلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش»قا ئىلھاملاندۇردى.
گالا كەنتى «شاپتۇل چېچىكى كەنتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاغ-دالىنى قاپلىغان ياۋا شاپتۇل چېچەكلىرى بىلەن داڭلىق.2021-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا گالا كەنتىنى زىيارەت قىلىپ، چىرايلىق، رەتلىك، پاكىز كەنت، قىزغىن، ئاق كۆڭۈل كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.
باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنت شاپتۇل چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىپ، مېۋە ئۈزىدىغان ۋە ئۆستۈرىدىغان باغلارنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
گالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بيەن با مۇنداق دېدى:«بېيدوۋ يۇلتۇزىغا قاراپ ماڭساق يولدىن ئېزىپ قالمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق بەختلىك بولىمىز. كۆپچىلىكنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بارغانسېرى كېڭەيدى، ھەميېنى تومپايدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ۋەتەننىڭ گۈللەنگەن، مۇستەھكەم چېگرا رايونىنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.»
ۋاقىت ئۇزارغان بولسىمۇ، مېھىر-مۇھەببەت ئۆزگەرمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدىن ئىبارەت بۇ قارلىق ئېگىزلىك ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ غېمىنى ئىزچىل قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.
1998-يىلىلا، ئەينى چاغدا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ شىزاڭغا ياردەمگە بارغان كادىرلارنى كۈتۈۋېلىش-ئۇزىتىش سەۋەبىدىن شىزاڭغا كەلگەندە مەردانە، جاراڭلىق سۆزلىرى شىزاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتقانىدى:«لىنجى ۋىلايىتىنىڭ ئىشى ئۆلكىمىزنىڭ ئىشى»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئەۋەتىش، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش كېرەك.» 2011-يىل 7-ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئون يىلدىن كېيىن، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم قارلىق ئېگىزلىككە كېلىپ، يېزىلار، شەھەر باغچىلىرى، تۆمۈريول تۈگۈنلىرى، دىنىي سورۇنلار، مەدەنىيەت كوچا رايونلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىزاڭغا كېلىپ شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە بولغان قوللىشى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەش كېرەك.»
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن شىزاڭنى مۇقىم قىلىش كېرەك.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭغا ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى سىنىدى.
شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆزى شىزاڭ خىزمىتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
2013-يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، «شىزاڭ دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ شىزاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىشتىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىزاڭ قۇرۇش»، «گۈزەل، بەختلىك شىزاڭ قۇرۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىشكىچە؛ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، ئەزالىرى چاي سۆھبىتىگە قاتنىشىپ، شىزاڭدىن كەلگەن يولداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن «2019 . جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»، «2023 . جۇڭگو شىزاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتىشكىچە؛ شىزاڭنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدا ئاڭلاشتىن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، شىزاڭنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.
شىزاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 6-، 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى:«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنىڭ ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت.»
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى ۋە شىزاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ شىزاڭنى ئىدارە قىلىپ، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنلىشى، تاۋلىنىشى ۋە ئىجادىي راۋاجلىنىشى، شۇنداقلا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
2021-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى:«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك.»
بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، يەلكەن كېرىپ مەنزىلگە يۈرۈش قىلدى.
شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بۈگۈنكى شىزاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل، ئېكولوگىيە ياخشى، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلىمەكتە، شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى ئېگىزلىكتىن لخاسا دەرياسى بويىغىچە، جۇمۇلاڭما چوققىسى ئېتىكىدىن ياجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغىچە، ھەممىلا يەردە گۈللەپ ياشنىغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىشكە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى
«بارلىق تەرەققىياتقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى يۈكلەپ، ھەممىسىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.»
لىنجى شەھىرى بومى ناھىيەسىنىڭ جامۇ بازىرىدىن يولغا چىقىپ، تۇتاش كەتكەن خەتەرلىك ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يالۇزاڭبۇ دەرياسىنى بويلاپ ئەگرى-بۈگرى ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، ئېگىز تاغ، جىلغىلار ئارىسىدىكى موتو ناھىيە بازىرى ئاخىرى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
موتو ناھىيەسىدىن كەلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بەيما چۈجېننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە: 2013-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، كۆڭۈل بۆلۈپ: «ھازىر موتوغا بارىدىغان يول راۋانلاشتىمۇ؟» دەپ سورىدى.
ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان موتو ناھىيەسى بىرمەھەل «ئېگىزلىكتىكى يېگانە ئارال» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.2013-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، موتو تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، موتو ئاخىر «مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر تاشيول تۇتاشمىغان ناھىيە» دېگەن نامنى ئېلىپ تاشلىدى.
يوللار راۋان بولسا ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موتو ناھىيەسى سەيلە ـ ساياھەت، مېۋە ـ چېۋە ۋە چاي تېرىقچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.
موتونىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىخچام كارتىنىسى.
چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ئۆزگىچە بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئىگە. شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئېغىز سۆز بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: «بارلىق تەرەققىياتقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش، ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.»
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىزاڭ دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭقۇر، نامراتلارنى يۆلەش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئېغىر نامرات رايون ئىدى.
«دىققەتنى داۋاملىق < ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست > قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر.
2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىزاڭدىكى 74 نامرات ناھىيە، رايوننىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 628 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، شىزاڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان چۈشەپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
− مائارىپ ئىشلىرى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 15 يىللىق ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلدى؛
− ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلىنىپ، قوغدىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛
− شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 72.5 ياشقا ئۇزاردى؛
…………
چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە «پەلەك يولى» ئۇزۇن. نامرات، قالاق ھالەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقىچە، يەنە ئورتاق بېيىشقا قاراپ مېڭىشقىچە، ئاجايىپ «پەلەك يولى»دىن ئايرىلالمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭنىڭ يول قاتنىشى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ لخاسا-لىنجى تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدىكى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، سىچۇەن-شىزاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ «غەربىي قىسىم چېگرا رايون تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى پىلانلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى...ئويلىغاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز، ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.
قارلىق «تەبىئىي يول»نى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي توسۇقلارنى راۋان يولغا ئايلاندۇردى. 2014-يىلى، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۇزارتىلىدىغان لىنىيەسى لخاسا-رىكازى تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى؛ 2019-يىلى، ئالاھىدە ئۇزۇن يول تونېلى مىراشەن تونېلى پۈتۈپ، لىنجىدىن لخاساغىچە بولغان ئالىي دەرىجىلىك تاشيولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى؛ 2021-يىلى، لخاسا-لىنجى تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، قارلىق ئېگىزلىك گۈللىنىش ناملىق پويىز دەۋرىگە كىردى...2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلانغان ئومۇمىي مۇساپە ۋە تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 124 مىڭ 900 كىلومېتىر، 1359 كىلومېتىرغا يەتتى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 183 كە يەتتى.
قاتناش قۇرۇلۇشى ۋەكىل قىلىنغان شىزاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، چىڭخەي-شىزاڭ، سىچۇەن-شىزاڭ، شىزاڭ-ئوتتۇرا، ئالىدىن ئىبارەت تۆت ئېلېكتىر تورى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئاساسىي ئېلېكتىر تورى بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) لەرنى قاپلىدى؛ يالۇزاڭبۇ دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى...شىزاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بۈگۈنكى قارلىق ئېگىزلىكتە، «پەلەك يوللىرى» گىرەلىشىپ، ئېلېكتىر تورى گىرەلىشىپ، تاغ-دەريالارنى تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، كەسىپلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈللەندى.
شىزاڭنىڭ بايلىقى مول، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى: «ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك» «شىزاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك».
باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، شىزاڭ پاكىز ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت-ساياھەت، ئېگىزلىك يېنىك سانائىتى قاتارلىق زامانىۋى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئۆز-ئۆزىدىن قان ئىشلەش، ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا كۆپ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىزاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىرىنچى 100 مىليارد يۈەنگە يېتىشكە 50 يىل ۋاقىت كەتتى، ئىككىنچى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە پەقەت ئالتە يىللا ۋاقىت كەتتى.
يېشىل تەرەققىيات يەنە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىدۇر.
لىنجى، يانى سۇلۇق يېرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. يالۇزاڭبۇ دەرياسى شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىپ، ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ كەلگەن نىياڭخې دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، 9000 گېكتارغا يېقىن كېلىدىغان بۇ سۇلۇق يەر باغچىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلدى.
2021 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىياڭخې چوڭ كۆۋرۈكىگە كېلىپ، يالۇزاڭبۇ دەرياسى ھەم نىياڭخې ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ئۆتكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ يەردىكى جانلىقلار، ئوت ـ چۆپ، دەل ـ دەرەخلەر، تاغ ـ دەريالارنى ياخشى قوغداش كېرەك».
چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى»، «ئاسىيانىڭ سۇ مۇنارى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى: «شىزاڭ ئېكولوگىيەنى قوغدىشى، جۇڭخۇا سۇ مۇنارىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قېلىشقا بولمايدۇ، ئېكولوگىيەدە مەسىلە كۆرۈلسە پايدا زىياننى قاپلىيالمايدۇ»، «شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، جاھانغا نەپ يەتكۈزىدۇ»، «چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك»... ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا، سەمىمىي ئۈمىد شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار ـ مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق. شىزاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايونىنىڭ %50 تىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزۈلدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %12.31 كە ئۆستۈرۈلدى، مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %99.7 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلدى، ئاساسلىق دەريا-كۆللەرنىڭ سۇ سۈپىتى %100 كە يەتتى ياكى Ⅲ تۈردىكى سۇدىن يۇقىرى بولدى. جەمئىي 440 مىڭدىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك ئىش ئورنى تەسىس قىلىندى، يىلدا تارقىتىلغان ياردەم پۇلى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى، خەلق ئاممىسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا ئېكولوگىيە تامىقىنى يەپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىزاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.
كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى
«56 مىللەت ئانارنىڭ دانىسى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر پۈتۈن ئانار. «بىز − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىشىمىز كېرەك.»
باكو كوچىسى، لخاسادىكى نامى يىراقلارغا تارالغان ساياھەت مەنزىرە رايونى، كوچا بويىدىكى دۇكانلار قاتار-قاتار بولۇپ، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ ساياھەتچىلەر قىستا-قىستاڭ بولۇپ كېتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ