مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

«شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (4)» ناملىق كىتاب پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

2025.08.20 08:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئەينەن، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرونى قوغداش، قوماندانلىققا بويسۇنۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ⑷» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ بېسىشقا تەشكىللىدى، يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدە ئۆگىنىش، قوللىنىشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ⑷ » ناملىق كىتابنى ئۆگىنىشنى «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ⑵ » ناملىق كىتاب، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ⑶ » ناملىق كىتاب، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2023 - يىل نەشرى)» قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن داۋلى، ئىلمىي نەزەرىيە، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىدا «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا ⑷ » ناملىق كىتابنى ئۆگىنىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەربىيەلەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا سىياسىي جەھەتتىن تاۋلىنىش، ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە - ئېتىقاد، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئەمەلدارلىق ئەخلاق - پەزىلىتى قاتارلىق ئىدىيە يىلتىزىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، قەتئىي تۈردە سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچلۈك ساپلاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پاكلىقى ۋە شان - شەرىپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىگە تەتبىقلاپ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە لېكسىيە سۆزلەش، يېتەكچىلىك قىلىشقا ياخشى ئەھمىيەت بېرىشى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي خىزمەت تارماقلىرى ئۆگىنىشكە بولغان يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى سىستېمىلىق، ئىلمىي قائىدىلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، ئارمىيە ئاخبارات تاراتقۇلىرى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، قىسىمنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ