
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ 1 -، 2 - تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىدىكى قول يازمىلار ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. 2018 - يىلى 12 - ئايدا نەشر قىلىنغان «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قايتا نەشر قىلىنىپ، «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ 1 - تومىغا ئۆزگەرتىلدى، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2018 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى 73 پارچە مۇھىم قول يازمىسى كىرگۈزۈلدى. 2 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى 92 پارچە مۇھىم قول يازمىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، ئىسلاھات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانداق ئالغا سىلجىتىمىز قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ مول، ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىجادىي تەركىبىي قىسمىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ