شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن تېلېفونلاشتى

2025.08.14 16:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ياخشى، ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۈلگىسىنى تىكلەپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لۇلا بىرازىلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەمدە بىرازىلىيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداشتىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا قائىدىسىنى قوغداپ، خەلقئارا ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدىشىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بايرىقى روشەن ھالدا يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشى كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم سۇپا، بىرازىلىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دۇنياۋى خىرىسقا داۋاملىق ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى بېيلۇن يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ