«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2025.08.18 15:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پۇقراۋى كارخانىلار ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە ئەگىشىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدىكى ئورنى ۋە رولىغا بولغان تونۇش توغرىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرىسىدا پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى تومۇرداش بولۇپ كەلدى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ؛ پارتىيە ۋە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەردى، قوللىدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىشىغا، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئاساسىي فاڭجېن - سىياسەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە پارتىيە نىزامنامىسىدە بىردەك ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلدى، بىز بۇنىڭدا ئىزچىل چىڭ تۇرىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، بۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىك خېلى كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، بازار رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا ئاساس ھازىرلاندى. ھازىر سىياسىي مۇھىت، ئىقتىسادىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ھەممىسى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلاردىن ئىستىقبالنى كۆرۈپ، پارلاق ئەتىنى كۆرۈپ، كەلگۈسىنى كۆرۈپ، تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەننى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك، بىپەرۋالىق قىلىشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارغا ئادىل تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەردىكى رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەرنى تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە ئادىل ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشى ۋە «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، نېسى قالغان قەرزنى ئۈزۈش سۈرئىتىنى ھەقىقىي تېزلىتىش كېرەك. قانۇن - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەقىقىي تۈردە پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار قاتارلىق تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان پېچەتلەشنى مەركەزلىك تۈزەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە پايدا كۆزلەش خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تۆتىنچى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بىرىكمە ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك. «يېقىن» بىلەن «پاك» ماھىيەتتە ئىش قىلىش بىلەن پاكلىقنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپ، دىيالېكتىك بىرلىككە كەلگەن، تامامەن بىر - بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، دادىل ئىشلەپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات بىلەن، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەلىپى بويىچە كارخانىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇننى ھۆرمەتلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى تەتبىقلىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتكە كۆپلەپ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ