مۇھىم خەۋەرلەر

ئىران قوراللىق قىسىمى: ھەرقانداق يېڭى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولدۇق

2025.07.01 14:29 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىران قوراللىق قىسىمى باش سەنموۋبۇسىنىڭ باياناتچىسى شېكارچى مۇنداق بىلدۈردى: ئىران ھەرقانداق يېڭى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولدى.

شېكارچى مۇنداق بىلدۈردى: ئىسرائىلىيەگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئىران قوراللىق قىسىمى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تولۇق تەييارلىق قىلدى، ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىرانغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تاجاۋۇز قىلسا، ئۇلار ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ۋە بېسىم خاراكتېرلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا دۇچ كېلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ