گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ دى، گې مېڭچاۋ) گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 10-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك بولغان يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10 يىلدىن بۇيان، بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە تىرىشچانلىقىدا، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلىدى، ئەزالىرى 57دىن 110غا كۆپىيىپ، ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كەسپىي، ئەمەلىي بولغان ياخشى ئوبراز تىكلىدى، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشۇپ، دۇنياۋى پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
لى چياڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ، ئەزالارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىسا. ئەزالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەزالارنىڭ تېخنىكا تەجرىبىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرسا. ئىككىنچى، ئىقتىساد-سودا ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشقا يۈزلىنىپ، خەلقئارا سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرسە. ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا، ھەتتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىقلار بىلەن ئۇدۇللىشىشنى ئىلگىرى سۈرسە. ئۈچىنچى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش خىرىسىغا يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك سۇپا ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرسا. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارالىق، قېلىپلىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۆپ تەرەپلىك تەدبىر-قائىدىلەرنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرسا.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تاشقى زەربىگە ئۇچراش ھالىتى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى بىر مۇنبەت تۇپراق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ كېڭىيىشى، سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى غايەت زور پايدىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ سودا، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا سىجىل چوڭقۇر سىڭىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ يېڭى شانلىق ئون يىلىنى باشلىشىنى قوللاپ، ئەزالارنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋۇ جېڭلۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش» بولۇپ، مالىيە مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن ۋە ھەرقايسى كېڭەش ئەزالار، دۇنيادىكى ئاساسلىق كۆپ تەرەپلىك، قوش تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 2500 كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.