جاۋاب خەت
شىزاڭنىڭ لىنجى شەھىرى بايى رايونى لىنجى بازىرى گالا كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرى:
خېتىڭلارنى كۆرۈپ، تۆت يىل ئىلگىرى گالا كەنتىگە قىلغان سەپىرىمنى ئەسلىدىم، چىرايلىق، رەتلىك كەنت، قىزغىن، ئاق كۆڭۈل كەنت ئاھالىلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ بىرنەچچە يىلدا كەنتتە يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدىن، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.
كۆپچىلىك خېتىڭلاردا بېيدوۋ يۇلتۇزىنى بەلگە قىلىپ ماڭساق يولدىن ئېزىپ قالمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق بەختلىك بولىمىز، دەپ ياخشى ئېيتىپسىلەر. سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسىنى ياخشى قوغداپ، «شاپتۇل چېچىكى كەنتى» ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئاۋات، مۇقىم بولغان ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىزاڭنىڭ لىنجى شەھىرى بايى رايونى لىنجى بازىرى گالا كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلارنى كۆرۈپ، تۆت يىل ئىلگىرى گالا كەنتىگە قىلغان سەپىرىمنى ئەسلىدىم، چىرايلىق، رەتلىك كەنت، قىزغىن، ئاق كۆڭۈل كەنت ئاھالىلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ بىرنەچچە يىلدا كەنتتە يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدىن، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپچىلىك خېتىڭلاردا بېيدوۋ يۇلتۇزىنى بەلگە قىلىپ ماڭساق يولدىن ئېزىپ قالمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق بەختلىك بولىمىز، دەپ ياخشى ئېيتىپسىلەر. سىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسىنى ياخشى قوغداپ، «شاپتۇل چېچىكى كەنتى» ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئاۋات، مۇقىم بولغان ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2021 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا گالا كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرى، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. گالا كەنتى ياۋا شاپتۇل چېچىكى بىلەن داڭلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، بۇ كەنت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. بۇ يىل شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، گالا كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرى يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كەنتنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.