14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

2025.06.30 15:14 مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر پېڭ بو) 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 49-نومۇرلۇق، 50-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 158 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئەھدىنامە»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2024-يىللىق مەركەز نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 2024-يىللىق مەركەز نەق چوتى تەستىقلاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مياۋ خۇا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، جېڭ يەنشيۇڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ ۋۇ زېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋۇ زېڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھەلەر ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ