جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىندى

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2025.06.26 14:37 مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ بوتىڭ، سۈن شاۋلۇڭ) بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى بولۇپ، دۆلىتىمىز داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلىدۇ ھەم قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇردى.

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى پەيتىدە داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش تارىخنى ئەستە ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى خۇ خېپىڭ ئالدى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئون تۈرلۈك ئاساسلىق پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇردى.

بىرىنچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزى ھەربىي كومىتېت نامىدا بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتە، بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭدا ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ. ئىككىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت نامىدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھايات پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى» خاتىرە ئوردېنى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان دۆلەت ئىچىدىكى ھايات پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ. ئۈچىنچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت نامىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن − جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۆتىنچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى چۆرىدەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى ئالاقىدار زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەشىنچى، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نامىدا، شېنياڭ شەھىرىدىكى «18 - سېنتەبىر» تارىخىي مۇزېيىدا «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنى ئەستىن چىقارماسلىق داڭ ئۇرۇپ سىگنال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئالتىنچى، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، تەيۋەن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ شۇ جايدا ئالاقىدار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. يەتتىنچى، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامىدا، نەنجىڭ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭدا ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سەككىزىنچى، 4 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە ئەسلىھەلىرى، خارابىلىرى تىزىملىكى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مەشھۇر قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلار، قەھرىمانلار توپىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە ئەسلىھەلىرى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خارابىلىرى، يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش - قوغداش ئېلىپ بېرىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى باش تېما قىلغان بىر تۈركۈم كۆرگەزمە نادىر بۇيۇملىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. توققۇزىنچى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە باش تېمىلىق نەشر بۇيۇملىرى ئىجاد قىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ؛ ئىلمىي تەتقىقات كۈچەيتىلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تېمىلار بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خاتىرە پۇل ۋە خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلىدۇ. ئونىنچى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىۋى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېنمۇ يۈرۈشلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

ئارقىدىن، ھەربىي پارات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسى ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ زېكې ھەربىي پاراتقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات پىيادىلەر چاسا ئەترىتى، جابدۇق چاسا ئەترىتى ۋە بوشلۇقتىكى شوتىسىمان ئەترەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي لايىھە جەھەتتە، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھەربىي پاراتقا قاتنىشىش كۈچىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان ھەرقايسى چاسا ئەترەت، شوتىسىمان ئەترەت كۆڭۈل قويۇپ گۇرۇپپىلىنىدۇ.

ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1 - ئالاھىدىلىكى، ھەم تارىخقا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ھەم مول دەۋر خاسلىقىغا ئىگە قىلىندى، بىر تەرەپتىن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىسىملىرىنىڭ كونا نومۇرى، بۇرۇنقى تۆھپىسى ۋە ئۆزىگە خاس روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تۆھپىكارلارنى قەدىرلەش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش نامايان قىلىنىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قەھرىمانلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ياراتقان تارىخىي ئابىدىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقى، خەلق ئارمىيەسىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى جان تىكىپ قوغداشقا مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى، يېڭى ئىقتىدارى، يېڭى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى مەزمۇت قەدىمى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. 2 - ئالاھىدىلىكى، ھەم ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەم بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە، پىيادىلەر چاسا ئەترىتى نامايان قىلىنىپ، ئارمىيەمىز ئىسلاھ قىلىنىپ قايتا بەرپا قىلىنغاندىن كېيىنكى يېڭى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم «ئۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن» قوراللىق كۈچنىڭ تەشكىللىنىشى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ جابدۇق چاسا ئەترىتى جەھەتتە، ئارمىيەمىزنىڭ جابدۇق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى نۇقتىلىق نامايان قىلىنىپ، توپ - ئەترەت بىرلىشىش، چاسا ئەترەتلەر بىرىكىشتىن ئىبارەت گۇرۇپپىلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئارمىيەمىزنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش، بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىش، بىرلەشمە كاپالەتلەندۈرۈش كۈچىنىڭ قوللىنىلىش يېڭى ئەندىزىسى نامايان قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قورال - جابدۇقلاردا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ بوشلۇقتىكى شوتىسىمان ئەترەت جەھەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا ئۇرۇشى كۈچىنىڭ سىستېمىلاشقان سەۋىيەسى ۋە تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئىلغار جەڭگىۋارلىقى نۇقتىلىق نامايان قىلىنىدۇ. 3 - ئالاھىدىلىكى، ھەم ئەنئەنىۋى ئاساسىي ئۇرۇش كۈچلىرى نامايان قىلىنىدۇ، ھەم يېڭى رايون، يېڭى سۈپەتلىك كۈچلەر پاراتقا قاتناشتۇرۇلىدۇ، بۇ قېتىم پاراتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان بارلىق جابدۇقلار بىردەك دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى بولۇپ، بىز يېڭى بىر ئەۋلاد ئەنئەنىۋى قورال - جابدۇقلارنى نامايان قىلىش ئاساسىدا، يەنە بىر قىسىم ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق، سۇ ئاستىدا ئۇرۇش قىلىش، تور - ئېلېكتىر ھۇجۇمى قىلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش، يۇقىرى ئاۋاز تېزلىكى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش كۈچلىرىنى پاراتقا قاتناشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئۇرۇش ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش، كەلگۈسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىقتىدارىنى نامايان قىلىمىز.

نۆۋەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەستىقلىغان ھەربىي پارات ئومۇمىي لايىھەسىگە ئاساسەن، بىز تۈرلۈك تەييارلىقلارنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋاتىمىز. بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا، بىز تىرىشچانلىق - ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئارمىيە قۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھازىر بار بولغان شارائىتقا تولۇق تايىنىپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەربىي پاراتنىڭ ئۈنۈم - خىراجەت نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىمىز.

مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خۇ خېپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

ۋۇ زېكې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا پاراتتىن ئۆتىدىغان قورال - جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق ئۇرۇش جابدۇقلىرى بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، يېڭى رايون، يېڭى سۈپەتلىك ئۇرۇش كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك چۆچۈتۈش ئەمەلىي كۈچىنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى، دۆلىتىمىزنىڭ قورال - جابدۇقلاردا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىقى بىرقانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1 - ئالاھىدىلىكى، سىستېما بولۇپ شەكىللەندى. پاراتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان بارلىق قورال - جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىدىن تاللاپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەم بىر قىسىم ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش كۈچى بار، ھەم بىر قىسىم ئۇرۇش تاكتىكىسى بويىچە ئىلغار جابدۇقلار بار، يەنە بىر قىسىم كەلگۈسى ئۇرۇش ھالىتىگە ماس كېلىدىغان يېڭى سۈپەتلىك كۈچلەر بار. 2 - ئالاھىدىلىكى، ئامىللار تولۇق. قوماندانلىق قىلىش، تىزگىنلەش، رازۋېدكا قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ھاۋا مۇداپىئەسى - باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل كۈچلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3 - ئالاھىدىلىكى، ئەمەلىي جەڭ قىلىشچانلىققا ئىگە. ئۇرۇش قىلىش ئەترىتى بويىچە گۇرۇپپىلىنىپ پاراتتىن ئۆتۈش ئۇچۇر ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، سىستېما ئارقىلىق تىرەك بولۇش، سەرخىل قوشۇن ئارقىلىق جەڭ قىلىش، بىرلەشمە جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلىدۇ.

ۋۇ زېكې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا دىققەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى باش تېمىسىنى ئىزاھلاشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئامىلى، تارىخىي ئامىلنى سىڭدۈرۈپ لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇ ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىندى. پاراتقا قاتنىشىدىغان قىسىملارنىڭ كۆپىنچىسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىسىملىرىنىڭ تومۇرىغا ئىگە ئورۇنلاردىن تاللاپ تەشكىللەنگەن، 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى، خۇانەن پارتىزانلار ئەترىتى قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئاساسىي كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مىسلىسىز جاپالىق بولغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مۇساپىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، قىزىل گېنغا تارىخىي ۋارىسلىق قىلىش ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، تۆھپە، شان - شەرەپ قەدىرلەندى. ئارمىيەمىزنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تۆھپە، شان - شەرەپ بايرىقى تاللىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ غەلىبىسى، ياراتقان ئۆچمەس تۆھپىسى نامايان قىلىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىش، تۆھپە ياراتقان، شەرەپ قۇچقان قىسىملارنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاش، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىلغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش ئىپادىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، تارىخىي كىلاسسىك ئەسەرلەر ئەسلەندى. بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا بىز بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر تاللاپ تەشكىللەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا دائىر كۆپچىلىككە تونۇش بولغان كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ، ھەربىي پاراتنىڭ مەخسۇس بەلگىسى قاتارلىقلارنى مەخسۇس لايىھەلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تارىخىنى ئەسلىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىنى ھېس قىلدۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى جان تىكىپ قەتئىي قوغداشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

بۇ يىل جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. ۋۇ زېكې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ھەربىي پاراتتا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان قىسىملارنى پاراتقا قاتناشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى دۆلىتىمىز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس كۈچى. بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا خەلق ئەسكەرلىرى چاسا ئەترىتىنى پاراتقا قاتناشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش باش تېما قىلىنغان ھەربىي پارات پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم خەلق ئەسكەرلىرى، يەرلىكتىكى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، تەكلىپ قىلىنغان گومىنداڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ھەم جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى نەق مەيدانغا كېلىپ پارات كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ