شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موزامبىك زۇڭتۇڭى چاپو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن موزامبىك بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ پەقەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىسىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقەررەر تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ. مەن جۇڭگو - موزامبىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - موزامبىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايمەن.
چاپو مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى دەل موزامبىكنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا توغرا كەلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ موزامبىكنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بەرگەن شەرتسىز ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. موزامبىك تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.