مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2025.06.24 15:05 مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم بەرپا قىلىش، ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش»نى زىچ چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

ئېچىلىش يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ «نۇقتىلىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»، «تۇغۇتنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش»، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ < تۆتكە يۈزلىنىش > كە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا قائىدىنى جىپسىلاشتۇرۇش، مېخانىزمنى جىپسىلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش»، «مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات؛ «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئىككى يېرىم كۈن داۋاملىشىدۇ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر يەتتە مەخسۇس تېمىنى چۆرىدەپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات ۋە دوكلات بەردى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ